ياپونىيە ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى: ئىلھام ماخمۇت توكيو تېلېۋىزىيىسىدە

ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلھام ماخمۇت، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى توكيودىكى ساكۇرا تېلېۋىزىيە قانىلىدا، ئۆتكەن شەنبە كۈنى توكيودىكى يەنە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى. ئەسلىدە ئۇ كۈنى، ساكۇرا تېلېۋىزىيىسى، تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە پروگرامما ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ قاتاردا شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىگىمۇ ئورۇن بەرگەن.

0:00 / 0:00

ئىلھام ماخمۇت: " خىتايغا قارشى تۇرۇشلا ئەمەس، قارشى تۇرغۇچىلارغا ھېسداشلىق قىلىشمۇ جىنايەت"

ئىلھام ماخمۇت پروگراممىدا، تىبەتتىكى ۋەزىيەتتىن ھەيران قالمىغانلىقىنى، چۈنكى تىبەتلىكلەر دۇچ كەلگەن تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇلۇش ئەھۋاللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا نىسبەتەن دائىملىق ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 14 ‏ - مارت لاسا ۋەقەسىگە ئوخشاش بىر ۋەقەنىڭ بۇندىن 11 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلھام، ئەينى چاغدا ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت ئۇچۇر ۋاستىسى دېگەندەك ئومۇملىشىپ كېتەلمىگىنى ئۈچۈن، لخاسا ۋەقەسىدەك دۇنياغا كەڭ بىلىنىپ كېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام ماخمۇت يەنە، 5 ‏ - فېۋرال ۋەقەسىدىن ئومۇمى مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇچۇر ئالاقە كونتروللۇقىنىڭ تىبەتتىكىدىن چىڭ ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭمۇ قاتتىق باستۇرۇلۇش بىلەن بىللە، دۇنيادىن ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە دىققىتىنى بېرىشكە چاقىرغان.

ئىلھام ماخمۇت يەنە، شەرقى تۈركىستاندا خىتاينىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشىلىق ئىپادىلەشنىڭ ئۆلۈم جازاسى، قاماق جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازالارغا يولۇقۇپلا قالماي، بۇ خىل قارشىلىققا ۋە قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭمۇ جازالىنىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئۇ بۇ سۆزلىرىگە مىسال قىلىپ، 5 ‏ - فېۋرال ۋەقەسىدىكى يارىدارلارنى داۋالىغان دوختۇر ۋە سىستىرالارنىڭ خىزمەتتىن قوغلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئىلھام ماخمۇت يەنە، خىتاينىڭ پىلانلىق كۆچمەن سىياسىتى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ۋە شەھەرلەردىن سىقىپ چىقىرىۋاتقانلىقىنىمۇ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىلھام ماخمۇت مۇھاكىمە يىغىنىدا

ئىلھام ماخمۇتنىڭ سۆزلىرىنى ساكۇرا تېلېۋىزىيە قانىلىدىن ئاڭلىغان خىتاي دېموكراتچىلىرى، ئۇنى 29 ‏ - مارت كۈنى توكيودا ئېچىلغان بىر مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان. مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تېمىسى، تىبەت قىرغىنچىلىقى ۋە 2008 ‏ - يىللىق ئولىمپىك بولۇپ، بۇ يىغىندا ئىلھام ماخمۇتقا ئەڭ بۇرۇن ۋە ئەڭ ئۇزۇن سۆز پۇرسىتى بېرىلگەن. ئىلھام ماخمۇت ساكۇرا تېلېۋىزىيە قانىلىدا بايان قىلغانلىرىنى بۇ يىغىندا يەنە بىر رەت ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىيە بۈگۈن چەتئەل دائىرىسىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن بىر دۆلەت. ئەمما باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى ئەڭ ئاجىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەت. ئىلھام ماخمۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيىدىكى بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەسىرلىنىش ۋە ئويلۇنۇش

ئىلھام ماخمۇت سۆزىدە، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ زىيالىيلىق بۇرچىلا ئەمەس، ئالدى بىلەن ئىنسانىي بۇرچى دەپ بايان قىلدى. ئۆ سۆزى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ خوتەندە 23 ‏ - مارت نامايىشىنى تەشكىللىگەن ئاياللارنىڭ پىداكارلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى ھەم يەنە ۋاڭ لېچۈەننىڭ 20 يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى تۈگەيدۇ دېگەن سۆزىنىڭ ئۆزىنى چوڭقۇر ئويغا سالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر تارىخىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي كۆرسەتمىلىرى بۇيىچە ئەمەس، ئىلمىي ۋە مىللىي مەيداندا تۇرۇپ تەتقىق قىلغىنى ئۈچۈن، 14 يىللىق قاماق جازاسىغا يولۇققان، ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان تارىخچى توختى مۇزات ياپونىيىدە ئوقۇغان ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئىلھام ماھمۇت سۆھبىتىمىز ئارىسىدا، توختى مۇزاتنىڭ پائالىيەتلىرىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.