ياپونىيىنىڭ توكيو ۋە ئوساكا شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن چاقىرىلدى

5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھرىدە، 23 - ماي كۈنى بولسا ئوساكا شەھىرىدە "ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ۋە ياپونىيىنىڭ مەسئۇلىيىتى" دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.05.24
Seyit-Omer-Ilham-we-Yaponluqlar-sozde-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ، ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﺎﭘﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﺎﻫﯩﭙﺨﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ.
RFA Photo / Erkin Tarim

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئۆمەر قانات، سېيىت تۈمتۈرك ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت  سۆز قىلدى.

يىغىنغا توكيو تاكوشوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتى  ياپون مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى سېكىئوكا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ياپونىيىنىڭ داڭلىق ژۇرنالىستى يوشىكو ساكورايى خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە سۆز قىلغان.

ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئۈچ سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان كىشىلەر سۆز قىلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سېيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات ۋە ئىلھام مەخمۇت قاتارلىق ئەپەندىلەر بىلەن يۇقىرىقى يىغىنلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.