12 - ئاينىڭ 12 - 13 - كۈنلىرى تۈركىيىنىڭ بۇرسا شەھرىدە چاقىرىلغان بۇ يىغىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىكى ۋە بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئاھىسكا تۈركلىرى جەمىيەتلىرى فېدېراتسىيىسى تەرىپىدىن چاقىرىلغان.
بۇ يىغىنغا قىرىم تاتارلىرى، ئافغانىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەر، ئىراق تۈركمەنلىرى، ئىراندىكى جەنۇبىي ئازەربەيجان تۈركلىرى، ياۋروپادىكى تۈركلەر ۋە پەلەستىنلىكلەردىن بولۇپ 34 ئەتراپىدا دۆلەت ۋە رايوندىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى قاتناشتى.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى ۋەكىلى پروف. در. سۇلتان مەخمۇت، باش سېكرېتارى ھامۇتخان گۆكتۈرك، سېيىت تارانچى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.
بۇ يىغىنغا دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ياۋروپا زىيارىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا قاتنىشالمىدى. بۇ يىغىنغا تۈركىيىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك، پارلامېنت ئەزاسى سەدات قىزىلجىقلى، ئالى قۇل، بۇرسا ۋالىسى شاھابەتتىن خارپۇت، شەھەر باشلىقى رەجەپ ئالتەپە قاتارلىقلار قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئاھىسكا تۈركلىرىنى، قىرىم تاتارلىرىنى ئىككىنچى دۈنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سىتالىننىڭ بىر كېچىدە پويىزلارغا سېلىپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تېخىغىچە ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ بولالمىغانلىقىنى، ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ يولدا ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، بۈگۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-- ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تارىختا پەقەتلا يەھۇدىلەرغا راۋا كۆرۈلمىگەنلىكىنى، تۈركىي مىللەتلەرگىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ ۋە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن بىلىنىشى مۇھىم دەپ ئويلايمەن. قىرىم تاتارلىرىنىڭ سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈشى، ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدىن كۆچۈرۈلۈشى، سابىق يۇگوسلاۋىيىدىكى تۈركلەر تارتقان ئازاپلار، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەنلەرگە مەدەنىي دۇنيا قاراپ تۇرماقتا. مەدەنىي دۇنيانىڭ بۇ ۋەقەلەرگە قارىتا تەدبىر ئالماستىن مۇنچىلىك بوسنىيىلىك، مانچىلىك ئۇيغۇر، مانچىلىك تۈركمەن ئۆلدى دەپ قويۇشتىن باشقا بىر نەرسە قىلمايۋاتقانلىقى بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالماقتا. بۇ يىغىن بۇلارنى مۇزاكىرە قىلىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
11 - ئاينىڭ 12 - 13 - كۈنلىرى بۇرسادا چاقىرىلغان بۇ يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، قارار ئېلان قىلىندى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.