بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھازىرقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، رايوندىكى مەسىلىلەر ھەل بولمايدۇ،" دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
، رايوننىڭ مەسئۇللىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھەم ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى مەسئۇللىرى بولۇپ، 200 دەك ئادەم قاتناشقان. يىغىندا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى لى كېچياڭ دوكلات بەرگەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى"غا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەنگەن جۇ يۇڭكاڭ يىغىندا خۇلاسە سۆزى قىلغان.
يىغىندا لى كېچاڭ رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايوندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش، رايوندا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىنى مۇستەھكەملەپ، رايوندا مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. جۇ يۇڭكاڭ خۇلاسە سۆزىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا قاراتقان سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلەپ، "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، رايوندا تىنچ مۇقىم بولغان تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بىر قولىدا تەرەققىياتنى، بىر قولىدا مۇقىملىقنى تۇتۇپ، '3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش'نى كۈچەيتىپ، رايوندىكى زىددىيەتنى ئېنىقلاپ يۇمشىتىپ، نۇقتىلىق رايونلارغا قارىتا ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، جەمئىيەتنى چارلاپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايوندا ئىجتىمائىي مۇقىم ۋەزىيەت بەرپا قىلىش كېرەك" دېگەن.
بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھەم چەتئەللەردىكى دېموكراتىك خىتاي زىيالىيلىرىدىن خوڭكوڭدا چىقىدىغان "شەپە" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى قاتارلىقلار ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھازىرقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، رايوندىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەل بولمايدۇ، رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغاندەك مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەنمەيدۇ،" دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىغىننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئېچىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىغىندىن كېيىن رايون ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولۇشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداقتۇر دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى تەڭسىزلىكلەرنى ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىش نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە بۇ يىغىننى ئاچقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان رايوندا "ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى مۇستەھكەملەش" سىياسىتى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، يېرىم ھەربىيلەشكەن بۇ كۈچنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ رايونغا قاراتقان بۇ خىل تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ئۆزگەرمىسە ئۇيغۇر مەسىلىسى مەڭگۈ ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيان رايوندا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن باراۋەرسىز مۇئامىلىدىكى سىياسەت بولۇپ، رايوندىكى خەلقنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئېغىر دەخلىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىپ، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"گە ئوخشاش نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرمەكتە ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سىياسىتىدىكى نۇقسانلارنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا، رايوندا بۇ خىل ھوقۇق جەھەتتىكى باراۋەرسىزلىك ئەكس ئەتكەن سىياسەتنى يۈرگۈزۈشى رايوننىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.