ئۇيغۇرلار: «يەرلىرىمىزنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئېلىپ بەردى، ھەم يەرسىز، ھەم ئىشسىز قالدۇق»

2010-يىلى 5-ئايدا ئېچىلغان، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» يىغىنىدىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە مۇھىتنى بۇلغاش دەرىجىسى ئېغىر بولغان، تاقىلىش خەۋپىدە قالغان زاۋۇت، كارخانىلار «ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنبەت يەرلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن.

0:00 / 0:00

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاي شىركەتلىرى ئەينى چاغدا يېرىنى سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلارنى زاۋۇت-كانلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزلىنىۋاتقىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان مۇھىت ھەم يەرسىز، ئىشسىز قېلىشتەك قىسمەت بولغان.

2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە تېزلىكتە كۆپەيگەن خىتاي زاۋۇت-شىركەتلىرى سەۋەبىدىن، بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتى، ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش نامىدا، يەرلىرى ئىگىلىۋېلىنغان، يەرسىزلىك، ئىشسىزلىق قىسمىتىگە قېلىپ، تىرىكچىلىك يولى ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچەيگەن.

ئىلى رايونىدا خىتاي شىركەتلىرى يەرلەشكەندىن بۇيان، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بىر خانىم، ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ تېلېۋىزوردا سۆزلىگەن سۆزىدە، غۇلجا شەھىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا ئەسلىدىكى 400 مىڭ ئاھالىدىن 1 مىليون ئاھالىگە ئىگە شەھەرگە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق پىلىچىخاڭ كۆمۈر كېنى 2010-يىلى غۇلجا ناھىيىسىگە يەرلەشكەن خىتاينىڭ چىڭخۇا شىركىتىگە ئۆتۈپ كەتكەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىڭخۇا شىركىتى ئەسلىدىكى پىلىچىخاڭ كۆمۈر كېنىنى كېڭەيتىپ، كۆمۈر كان ئەتراپىدىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان قارىياغاچ كەنتى، نوغايتۇ كەنتىنىڭ بىنەملىكى، نوغايتۇ دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى، چۇلۇقاي يېزىسىنىڭ بىنەملىرى، ئۆرۈك ماكانى تۇرپانيۈزى يېزىسى قاتارلىق جايلاردىكى يەرلەرنى دېھقانلاردىن مەجبۇرىي سېتىۋالغان. ئەينى چاغدا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقان-چارۋىچىلارنى يەرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغاندا «يەر دۆلەتنىڭ، ھالقىما تەرەققىيات پىلانى بويىچە، ناھىيىدە قۇرۇلىدىغان زاۋۇت، كارخانىلارغا ئالدى بىلەن يېرىنى سېتىپ بېرىشتە تەشەببۇسكار بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ تۈگىتىپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان پەرزەنتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ» دېگەن ۋەدىلەرنى بەرگەن. ئەمما، ئىككى يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ئەسلىدىكى گۈزەل باغ-ۋارانلىق يېزىلارنىڭ كۆمۈركان ۋە كۆمۈر گازى زاۋۇتلىرىدىن چىققان ئىس-تۈتەك، بۇلغانغان سۇلار بىلەن ۋەيران قىلىنىشتىن باشقا، يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىلغان نەچچە مىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە قازاق چارۋىچىلىرىنىڭ يەرسىز، يايلاقسىز، ئىشسىز قېلىشىدەك قىسمەت بولغان.

چىڭخۇا شىركىتى يېزىدىكى يەرلەرنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەدىسىنى ئورۇنلىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر دېھقان ئايال، ھازىر چىڭخۇا شىركىتى ئامانلىق قوغداش خادىملىرىنى كۆزەتچىلىككە قويغانلىقىنى، قورشاۋغا ئالغان جايلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىرەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاي كۆچمەنلىرى ئىشلەۋاتقان بۇ شىركەتتە رەسمىي شتاتلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يوقلۇقىنى، پەقەت ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى ئېلىپ، شىركەتنىڭ قارا ئىشلىرىنى قىلىپ جېنىنى بېقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» دىكى يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە تەئەللۇق يەرلەرنى، تېررىتورىيىلەرنى ۋە ئۆز يەرلىرىدىكى بايلىقلىرىنى، بۇ جايلارنىڭ مۇھىتىنى ھەمدە بۇ زېمىنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىغىمچانلىقىنى ساقلاش ۋە مۇھاپىزەت قېلىشقا ھوقۇقلۇق. دۆلەت ھېچقانداق ئايرىمىچىلىققا يول قويمىغان ھالدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ يەرلەرنىڭ ساقلىنىشى ۋە مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئېلىشى شەرت» دېگەن بەلگىلىمىلەرنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىقلارنى ئىگىلىشىنى تېزلەشتۈرۈپ، بۇ بايلىقنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى بايلىقىدىن مەھرۇم قىلغاندىن باشقا، يەرلىك خەلقلەرنى بۇ خىل ئېچىش ۋە تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.