بىر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ پەريادى

ھەر خىل بېسىملار تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەر مۇساپىر دەپ ئاتىلىدۇ. جۇغراپىيىۋى ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن دۇنيادا ئەڭ كۆپ مۇساپىر ئېقىپ كىرىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى تۈركىيە بولۇپ ھازىر تۈركىيىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىغا پاناھلىق تىلەپ جاۋاب كۈتۈۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ سانى 13800 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىقماي 7 - 8 يىلدىن بېرى تۈركىيىدە ياشاشقا مەجبۇر قالغان.

0:00 / 0:00

بۇ جەرياندا مۇساپىرلار نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار. بۇ مۇساپىرلار دۇچار بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش مەقسىدى بىلەن 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدىكى ئەرەسىن مېھمانخانىسىدا `مۇلتەجىلىك سەمپوزيۇمۇ` يەنى `مۇساپىرلىق يىغىنى` چاقىرىلغان ئىدى.

بۇ يىغىننى تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسى ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىننىڭ ئاخىرىدا تۈركىيىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە ئىلتىماس قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشنى كۈتۈۋاتقان چېچەن، بوسنىيەلىك، ئىراقلىق، پەلەستىنلىك ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

ئۇلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى سىياسى ئىقتىسادىي بېسىملار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مۇساپىر يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمىنى ئاڭلاتتى. ئۇ سۆزىدە دۇنيا دۆلەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. ئۇنىڭ قىلغان سۆزى بىر قانچە تىلغا تەرجىمە قىلىندى. بىز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ يىغىندا قىلغان سۆزىدىن ئارىيەلەر ئاڭلىتىمىز.