0:00 / 0:00
مىسىردىكى مۇبارەك ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش بۈگۈن 16-كۈنىگە قەدەم قويدى.
نامايىشچىلار ھېلىھەم قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، مىسىردا قارشىلىق نامايىشلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ خىتايدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ مىسىر قاتارلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەردىن ساۋاق ئېلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
سۆھبىتىمىزگە تۈركىيىدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، تۈركىيە ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىقلار قاتناشتى.