مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنىدىن ئېتىبارەن داۋاملىشىۋاتقان بۇ كۆرگەزمىنى شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ۋە كۆچمەنلەر مۇزېيى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن تەشكىللىگەن بولۇپ، بۈگۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا فىدېرال، شتات پارلامېنت ئەزالىرى، شتات باشلىقى ۋە مىنىستىرلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم جامائەت تەشكىلاتلىرىدىن بولۇپ 50 كە يېقىن مېھمان، مۇھاجىرلىق ھاياتىدىكى ئەڭ خۇشاللىنارلىق ۋاقىئەگە شاھىت بولۇش ئۈچۈن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھېكمەت خەسەنوف ئەفەندى مېھمانلارنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ئۇلارغا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى ھەمدە شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋسترالىيىگە كېلىش تارىخىنى ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.

ئالدى بىلەن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مۇزېيىنىڭ دىرېكتورى كىرىستىن فىنىمو خانىم كۆچمەنلەر مۇزېيىنىڭ 1988-يىلى ئېچىلىپ تا بۈگۈنگىچە 90 دىن ئارتۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇز مىللىتىنىڭ تارىخى،مەدەنىيىتى ۋە ئاۋسترالىيىگە ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى شۇنداقلا مىڭلىغان چەتئەللىك ۋە يەرلىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى مىللەتلەرنى چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ يۈزمىڭلىغان ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن مىللەتلەر ھەققىدىكى بىلىملەرنى جانلىق ئۆگىنىدىغان مەكتەپ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن فىنىمو خانىم مۇزېيدىكى مىللەتلەر بۆلۈمىنىڭ 2024-يىلىغىچە تىزىملىتىپ بولۇنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان قول ھۈنەر-سەنئەت جاۋاھىرلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرى، مەدەنىيەت تارىخىدىكى قىممەتلىك نەمۇنىلىرىنىڭ مۇزېيىمىزدا قويۇلۇشى، تارىخى 1500 يىلدىن ئاشقان ئىنسانىيەتنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقى دەپ ناملانغان 12 مۇقامنىڭ لەرزان كۈيلىرىنىڭ مۇزېيىمىزدا ياڭراپ تۇرۇشى بىزنى ھاياجانغا سالىدۇ، مىڭلىغان زىيارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق چۈشىنىشى،تونۇشى ھەمدە دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ئۇ شەرقى تۈركىستان جامائىتىگە، بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمەھەممەت مىجىت ئەفەندىگە ۋە مىللەتلەر بۆلۈمىنىڭ كەسپىي خادىمى ئالسىپېس گرانت خانىمغا ئالاھىدە رەھمىتىنى ئېيتتى.
جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندى سۆز قىلىپ مېھمانلارغا، مۇزېي خادىملىرىغا ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە شەرقى تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلىرى نامىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن جامائەتنى تەبرىكلىدى.
پارلامېنت ئەزاسى جاناب مايكول ئاتكىنسۇن ئېچىلىش مۇراسىمىغا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتنىشىپ سۆز قىلدى. سۆزىنى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم، ياخشىمۇ سىز» دەپ باشلىغان جاناب مايكول ئاتكىنسون مۇنداق دېدى: ئاۋسترالىيىدە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر بولۇش ھەقلىرىگە ئىگە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۈركىي تىلىدا ئەركىن سۆزلىشەلەيدۇ، مەسچىتلىرىدە ئاللاھقا سىغىنىپ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئەركىن ئىلىپ بارالايدۇ، بىرلىكتە تارىخىي كۈنلىرىنى خاتىرىلىيەلەيدۇ، مەدەنىي مۆجىزىلىرىدىن پەخىرلىنەلەيدۇ، بايراملىرىنى تەبرىكلىيەلەيدۇ. بۈگۈن بىز بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتنىشىۋاتىمىز. شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى رەھبەرلىكى ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى مېنى ۋە كەسىپداشلىرىمنى، بولۇپمۇ پارلامېنت ئەزالىرىنى ھەر ۋاقىت پائالىيەتلىرىگە تەكلىپ قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مېھمان دوستلۇق ئۆرپ-ئادىتىنى بىزگە كۆرسىتىۋاتىدۇ. جەمئىيەت رەھبەرلىكى يىللاردىن بۇيان زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچى سانى بىرقەدەر كۆپ بولغان ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى بۇنىڭ بىر مىسالى شۇنداقلا يېڭىدىن قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ ئايلانما مۇسابىقىگە كىرگەنلىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشى مۇشۇ كۆرگەزمە بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، كۆپچىلىك تەمىنلىگەن بۇ قىممەتلىك بۇيۇملارنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلەيدۇ.
دۇنيا پەن-مەدەنىيىتىگە ئۇلۇغ تۆھپىلەر قوشقان، ھەرخىل مىنېرال بايلىقلارغا، نەفىت-گازلارغا تولغان يىپەك يولىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەپ ئاتايدىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ قەدىمى ماكاندا شۇ يەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسى، ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىم كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھەرىكەتلىرىنى ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتسىز ئەلقائىدىگە باغلاپ كەلگەنلىكىنى بىلىمىز، تۈركى تىلىدا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىپ ئىشقا ئالماسلىقتىن ئىبارەت قىلمىشلىرىنى بىلىمىز، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئۆي-ئۆيدىن تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى مەخپىي قانۇنلىرىغا تايىنىپ ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەردە قىيناش، ئادالەتسىز سوت ئارقىلىق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى بىلىمىز. شۇڭا مەن پارلامېنتتىكى كەسىپداشلىرىمغا ۋە مىنىستىرلارغا خىتاينىڭ ھېلىسىگە ئالدانماسلىقنى، ئالدىنقى سەپتىكى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى ۋە ئۇلارغا يېقىندىن ياردەم قىلىشىنى دائىم تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرلارنى كۆرگەنلىكىمدىن مىننەتدارمەن ھەمدە بۇ كۆرگەزمە ھەممىمىز ئارزۇ قىلغىنىمىزدەك ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بېشىغا دوپپا كىيىۋالغان، بوينىغا ئەتلەس گالستۇك ئېسىۋالغان جاناب مايكول ئاتكىنسون، شتات باشلىقى مايك رەين مىكە رانن جانابلىرىغا ۋاكالىتەن 2500 دوللار قىممىتىدىكى بانكا چېكىنى جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇلغوپۇر ئەپەندىگە تاپشۇردى.
قارشى پارتىيىنىڭ شتات پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى دەيۋىد پىسونى سۆز قىلىپ، گەرچە خىتاي غەرب ئەللىرىنىڭ تىجارەتتىكى زور شېرىكى بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش، ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ۋە ھەرخىل جازالارغا تارتىشتىن ئىبارەت قىلمىشلىرىنى تىجارەتتىكى شەرت قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق لازىم دېدى.
كۆپ مەدەنىيەتلەر مۇناسىۋەتلىرى باشقارمىسىنىڭ رەئىسى خۇ مىنلىگە ۋاكالىتەن ۋىكرام مەدەن ئەپەندى كۆرگەزمىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇراسىمغا قاتناشقان فىدېرال پارلامېنت ئەزاسى توني زاپپيا جانابلىرى ئۇز پىكرىنى مۇنداق بايان قىلدى: ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇنمەن، ئۇيغۇرلار ناھايىتىمۇ باي ۋە ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەتكە، تارىخىغا ئىگە مىللەت. ئادېلايدتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ سايلام رايونومغا ئولتۇراقلاشقان، مەن سايلانغاندىن بۇيان ئۇلار بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋە تارتقان زۇلۇملىرىنى ياخشى چۈشىنىمەن.
پۈتۈن تونۇر كاۋىپى، مەززىلىك تائاملار ۋە ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى ھەرخىل شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن لەززەتلەنگەن مېھمانلار ۋە مۇراسىم قاتناشچىلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملارنى تاماشا قىلىشتى.