خۇ جىنتاۋنىڭ ئاقساراي زىيارىتى نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى

18-يانۋاردىن باشلاپ ۋاشىنگتوندا ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، بۈگۈن 19-يانۋار، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئاقسارايدا سۆھبەتتە بولدى.

0:00 / 0:00

ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشى ئاقساراينىڭ سىرتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىشچىلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى. پايتەخت ۋاشىنگتونغا جايلاشقان، ئاقساراي سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭچىلار، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە تەيۋەنلىكلەر بولۇپ ئوندىن ئارتۇق تەشكىلاتتىن نەچچە يۈزلىگەن نامايىشچىلار ئىشتىراك قىلدى.