ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان نوپۇس ئېتىبار سىياسىتىدىمۇ ئۇيغۇرلار چەتكە قېقىلدى

خىتاي يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا نوپۇسسىز ياشاۋاتقان 6 مىليون كىشىگە نوپۇس بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆججەت چىقارغان ئىدى. بۇ ھۆججەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدە نوپۇسسىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ پۇرسەتتىن مەنپەئەت كۈتكەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىدىكى نوپۇسسىز ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ نوپۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى بۇ ئېتىبار سىياسىتىدىمۇ چەتكە قېقىلغان.

0:00 / 0:00


پاتىگۈل غۇلام قەشقەر بەشكېرەمدىن. ئۇ 25 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدە ياشىماقتا. ئۈرۈمچىگە 21 ياش ۋاقتىدا كەلگەن پاتىگۈل، نوپۇسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق بىر يەرگە ئىش ئىزدەپ بارالمىغان، پەقەت كۆرپە - يېكەنداز تىكىشتىن ئىبارەت جاپالىق ھۈنەر بىلەن كۈن كەچۈرۈپ 4 بالىسىنى قاتارغا قاتقان. بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 6 مىليون كىشىنى نوپۇسقا ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پاتىگۈلگە ئاز - تولا ئۈمىد بەرگەن. لېكىن ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىتاي باشلىقى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ بۇ ئۈمىدى پۈتۈنلەي يولغا چىققان.

يۇقىرىقى شىكايەتلەرنى قىلغۇچى، 5 - ئىيۇلدىن كېيىنكى غايىپلاردىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام. ئۇ بالىسىنى ئىزدىگەنلىكى ئۈچۈن نەزەربەند قىلىنغان ۋە سەپەر قىلىشى چەكلەنگەن. غايىب بولغان ئوغلىنى تاپالمايۋاتقان پاتىگۈل ئەمدىلىكتە نوپۇسسىز ئىككى ئوغلىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا.