1-دېكابىردىن 3-دېكابىر كۈنىگىچە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسى تېما قىلىنغان 3 كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا 30 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ئۇلار، خىتايدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن پروفېسسورلار، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە ئالىي سوت خادىملىرى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئەنگلىيە ئوكسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى روجېر ھۇد، مەكس پلەنك ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خانس جورگ قاتارلىق 3 چەتئەللىك قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئاساسلىقى خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر جازا بولغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە تالاش-تارتىش بولغان مەزكۇر يىغىندا، خىتاي ۋەكىللىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ 2007-يىلىدىن بېرى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولارغا ئالىي دەرىجىلىك سوت مەھكىسىمىسىنىڭ قايتا قاراپ چىقىشى بېكىتىلگەندىن بېرى خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ يۈزدە 50 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار 2011-يىلىدا خىتاي ئالىي سوتى تەرىپىدىن 13 ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خىتايدا 75 ياشتىن يۇقىرىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىللەر، يەنى خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولارغا ئائىت ئېنىق رەقەمنى بىلىدىغان بىرىنچى قول كىشىلەر گەرچە يىغىندا بەس-بەستە خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇ بىر يىل ئىچىدە ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازاسىغا ئائىت ئېنىق سانلىق مەلۇماتنى بېرىشنى رەت قىلغان. ئۇلار بۇنىڭ ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دۈشەنبە كۈنى مەركىزى سانفرانسىسكودا تۇرۇشلۇق «دىئالوگ» فوندى جەمئىيىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان لىيۇ فامىلىلىك خىتاي پروفېسسور شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋەرلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ 2006-يىلى خىتايدا جەمئىي 8000 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، 2008-يىلىمۇ ئوخشاشلا 8000 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. بۇ رەقەم «دىئالوگ» فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا يۈرگۈزگەن ئىستاتېستىسكا رەقەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى ئىلگىرىكى دوكلاتلىرىدا خىتايدا يىلىغا 8000 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تۈنۈگۈن مەزكۇر فوندى جەمئىيەت رەئىسى جون كەم باياناتىدا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندەك ھەقىقەتەن 2011-يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى يۈزدە 50 پىرسەنت ئازايغان بولسا، بۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلانسىمۇ ئەمما خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى ئاياغلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئاستىلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ، ئۇ خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرالىرى ئازايدى، دەپ قاراشقا بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەنگلىيە مىدىلسەكس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى ۋىليام شەيبىز خاڭجۇدا ئېچىلغان يىغىنغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنىڭ قارمىقىدا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يىغىن ھەققىدە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئانالىزلىرى بلوگىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى شۇ كۈندىكى يىغىندا خىتايدىكى ئۆلۈم جازالىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قەدىمىنى تېزلەشتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇپ، خىتايدا قىسقا ۋە ئوتتۇرا مۇددەت ئىچىدە چوقۇم قاتىللىق سىرتىدىكى ھەرقانداق بىر جىنايەتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولغاندەك، خىتايدا چىرىكلىك، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلارغا، ئەڭ مۇھىمى سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان بىردىن-بىر دۆلەت. 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ناھايىتى تېز سۈرئەت ئىچىدە 30 غا يېقىن ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ كىشىلەرگە ھېچقانداق ئادالەتلىك سوت تەرتىپى يۈرگۈزۈلمەي تۇرۇپ، ئۇلارغا ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىمۇ بېرىلمىگەن بىر شارائىت ئاستىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى، بۇنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلار ئەمەس، خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ھېچبىرىنىڭ خىتايدىكى ئەدلىيە تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ، خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازالىرىدا قىلچىلىكمۇ ئازىيىش بولمىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
دەرۋەقە خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە 2010-يىلى ئاقسۇ ئىگەرچى بازىرى ۋەقەسى ۋە قەشقەر يېڭى ئېرىقتىكى خىتاي دائىرىلىرى نىشان قىلىنغان ۋەقەلەرگە چېتىشلىق كىشىلەرنى 2011-يىلى 3-ئايدا ئېچىلغان سوتتا قارار چىقىرىپ، نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم قاتارلىق 7 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا، قۇربان نۇر قاتارلىق 3 كىشىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان. ئارقىدىنلا يەنى 2011-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا خوتەن ۋە قەشقەر سوت مەھكىمىلىرى بىر ۋاقىتتا سوت ئېچىپ، خوتەن ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە قەشقەردىكى يېڭى بازا ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان 4 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دېلولارغا مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيىسىمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن «سىياسىي» دەپ ئەيىبلەنگەن.
دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش ۋە بۇ جەھەتتە ئوچۇقلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەھۋالى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ماڭىدىغان بولسا، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن يىللار كېتىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىمۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا سىر تۇتۇش قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنى ئازايتىش ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي خەلقئارا بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەت بولۇپ، بۇ مەسىلە خىتايدىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلە. خىتاي دائىرىلىرى گەرچە خىتاينىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما غەرب ئەللىرى ھېلىھەم خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىنى قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشكە چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە.