رابىيە قادىر خانىم: خىتاي ئۇيغۇر پىدائىيلارنى رادىكال يولغا مەجبۇرلاۋاتىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 4 ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپ ئۆتكەن ئاچچىق ۋەقەلەردىن ساۋاق ئالمايۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۈگۈن، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 4 نەپەر ئۇيغۇر مەھكۇمغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپ ئۆتكەن ئاچچىق ۋەقەلەردىن ساۋاق ئالمايۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. رابىيە خانىم باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ توختاۋسىز ئۆلۈم جازالىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى رادىكال قارشىلىق يولىغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ئۆلۈم جازالىرى ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە راستىنىلا مۇقىمسىزلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇقىمسىزلىقنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتى بىلەن تەڭ باشلانغانلىقىنى، يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبى ئەمەس، بەلكى نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى بويسۇندۇرۇشقا تىرىشماقتا. رابىيە خانىم بولسا، بۇ تەدبىرنىڭ يېڭى بىر تەدبىر ئەمەسلىكىنى، بۇ تەدبىرنىڭ مۇقىملىق ئۈچۈن ئىشقا يارىمايدىغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغانلىقىنى؛ شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى راستىنىلا، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى خالىسا، زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر پىدائىيلىرى كۆپىنچە ھاللاردا، خىتاينىڭ ئەسكىرى قىسىملىرى، ساقچى ئورگانلىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قاتارلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بەزى چاغلاردا، خىتاي پۇقرالىرىمۇ ھۇجۇم نىشانى بولماقتا. رابىيە خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي خەلقى ئارىسىغا ئۆچ ‏- ئاداۋەت ئۇرۇقى چاچقانلىقىنى، شۇڭا ۋەقەلەردە ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ ئەسلى جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، رابىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا تېرىلغۇ يەرلەر خىتايلارنىڭ قوللىرىغا مەركەزلەشمەكتە. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلەش پەقەت ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارغا نېسىپ بولماقتا. يىلىغا يۈزلەپ، مىڭلاپ ئۇيغۇر ياشلىرى خىروئىننىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلماقتا ۋە بۇ پاجىئەنىڭ داۋاملىشىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى كۆز يۇمۇپ تۇرماقتا. شۇڭا مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرنى ئۆلۈم جازاسى ئارقىلىق تەھدىت سېلىش كارغا كەلمەس بىر تەدبىردۇر.