توقسۇن ناھىيىسىدە 518 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىسقارتىلىدىغانلىقى نۆۋەتتە توقسۇن ناھىيىسىدە غۇلغۇلا قوزغاپلا قالماي، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلماقتا، شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
518 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ شتاتىنى قىسقارتىش، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توقسۇن ناھىيىسىدىكى مائارىپ سىستېمىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان زور پىلانى. دائىرىلەر بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى سەۋىيە سىناق ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇپ رىقابەتكە سېلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، توقسۇندىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خىتاينىڭ بۇ شتات قىسقارتىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتماسلىق ۋە بەزى يېزىلاردا ئىمزا توپلاشتەك تىنچ يوللار بىلەن نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە قانداق ۋاستىلارنى قوللىنىپ بۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى؟ بۇ ھەقتە توقسۇندىكى ھەر قايسى مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ نەتىجە بولمىدى، ھالبۇكى، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن، ناھىيىدە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا شتات قىسقارتىشقا قارىتا نارازىلىق كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق جىددىي بىر پەيتتە، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى مەكتەپ مۇدىرلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.
گەرچە، سەۋىيە ئىمتىھانى ئارقىلىق شتات قىسقارتىش توقسۇندىلا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقە بولسىمۇ، توقسۇندا بىراقلا 518 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ شاللىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن پەيدا بولغان نارازىلىق شاۋقۇنى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردا "بۇ شاللاش ئاۋۋال توقسۇندا تەجرىبە قىلىنىۋاتقان بولسا، كەلگۈسىدە بىزگىمۇ كېلىشى مۇمكىن..." دېگەندەك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توقسۇندا بىراقلا 518 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ شتاتىنى قىسقارتماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەسىرلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توقسۇن مائارىپ سىستېمىسدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكىتىگە كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇۋاپىق يوللار بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا ئېلىپ كەلگۈسى بۇ زور زىيانكەشلىكىنى توسۇپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.