يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە، «خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى» دېگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك باھانىلەر سەۋەبىدىن يىللىق باھالاش ھەم ئۇنۋان باھالاشتا زەربىگە ئۇچرىغان ھەتتا ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە.
ئانا تۇپراق تور بېكىتىنىڭ 21-سېنتەبىردىكى سەھىپىسىدە، قەشقەر شەھەر بەشكېرەم يېزا سىدىر باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 28 يىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بىر ئايال ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆزى ئۇچرىغان ناھەقچىلىكلەر ھەققىدىكى شىكايىتى ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان بۇ يازمىدا، 1983-يىلدىن بۇيان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ 2010-يىلدىن كېيىن مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغان بىرقانچە قېتىملىق ئۇنۋان باھالاشتا، گەرچە خىزمەتتىكى نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىقلار تەرىپىدىن ھەر خىل باھانىلەر بىلەن باھالاشتىن قالدۇرۇلغانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭ مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ناتوغرا قىلمىشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئەرز قىلغانلىقى سەۋەبلىك، مەكتەپ مۇدىرى تەرىپىدىن ھاقارەتلىنىپ، «مەكتەپ مۇدىرىنى ئۇردى» دېگەن تۆھمەت بىلەن ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن 8 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇلۇش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى پاجىئەلىك قىسمەت بايان قىلىنغان.
قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۆز مەكتىپىدە يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك ناھەقچىلىكلەر ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان بۇ ئوقۇتقۇچى، ئۆز يازمىسىدا مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان پارا بېرىش قاتارلىق قىلمىشلار سەۋەبلىك، ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەرتى تولغان ھالەتتىمۇ ئۇنۋان باھالاشتىن قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىدەك ناھەقچىلىكنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«2011-يىللىق باشلانغۇچ ئالىي ئۇنۋان تەقسىماتىدا مېنىڭ ھەممە شەرتىم تولۇق چۈشىدىغان تۇرۇقلۇق ماڭا سان كۆرسەتكۈچى بېرىلمىدى، 2011-يىللىق ئۇنۋان تەقسىماتىدا شەرتلىرىم تولۇق ھازىرلانغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنۋان كۆرسەتكۈچىگە ئېرىشەلمىدىم. شۇ يىلدىكى ئۇنۋان تەقسىماتىدا مەندىنمۇ نومۇرى تۆۋەن بولغانلارغا ئۇنۋان كۆرسەتكۈچى بېرىلدى. بەلكىم بۇ مېنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنى بولاق بېرىپ يوقلىيالمىغانلىقىم سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.»
بۇ ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ مەكتەپتىكى ناھەقچىلىكلەر ئۈستىدىن مائارىپ ئىدارىسىگە ئەرز قىلغاندىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق يازىدۇ:
«مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى مەندىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى. ئاۋۋال يىللىق خىزمەت باھالاشتا يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن مېنىڭ خىزمەت نومۇرۇمنى قەستەن تۆۋەن باھالىدى. مەكتەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان مەن ۋە يەنە بىر ئوقۇتقۇچىنى جازالاپ، مېنى ئۆيۈمدىن 37 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەكتەپكە يۆتكىۋەتتى، شۇ مەكتەپتە ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنى بولسا مېنىڭ ئۆيۈمگە يېقىن، ئەمما ئۇنىڭ ئۆيىگە 17 كىلومېتىر كېلىدىغان يەنە بىر مەكتەپكە يۆتكىدى. ئىككىمىزنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ مۇدىر ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە بولسا مەكتەپ مۇدىرى مېنى«چوشقا» دېگەندەك تىللار بىلەن ھاقارەتلىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئىززەت ئابرۇيۇمنى قوغداش ئۈچۈن تاكاللاشقىنىمدا بولسا، مۇدىر ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى يالغان گۇۋاھلىققا تارتىپ، مەكتەپ مۇدىرىنى ئۇردى، دېگەن تۆھمەت بىلەن مېنى ساقچىغا سولاشنى تەلەپ قىلدى. مانا بۈگۈن مەن ساقچىخانىنىڭ 8 كۈنلۈك توختىتىش قەغىزىنى قولۇمغا ئالدىم. مېنىڭ دەردلىرىمنى ئاڭلايدىغان ئادەممۇ چىقارمۇ؟ توختىتىش ئورنىغا مېڭىشتىن ئىلگىرى مەن بۇ دەردلىرىمنى تۆككۈم كەلدى. مەن كەتتىم. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر. 8 كۈنلۈك تۈرمىدىن قايتىپ چىققۇچە خوش!»
ئۇيغۇر مەكتەپلىرى قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن «خىتاي تىلى سەۋىيىسى لاياقەتسىز» دېگەن باھانىدە ئوقۇتقۇچىلىقتىن قالدۇرۇلغان بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسىمۇ، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس مۇنبىرىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى سەۋەبلىك، خىتاي تىلى ئۆتكىلى ئۆلچەم قىلىنىپ، دەرس ئۆتۈشتە لاياقەتسىز دەپ باھالانغان، ھەم باشقا باھانىلەر بىلەن ئۇنۋان باھالاشتا قالدۇرۇلغان، ھەتتا مەكتەپتىن چىقىرىۋېتىلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىۋەرسە، بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە كۆپىيىۋاتقان يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار، ئۆيى چېقىلىپ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈۋاتقان شەھەر ئاھالىسى قاتارلىق ئەرزدارلار قوشۇنى سېپىگە ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەت يەنىمۇ مۇرەككەپلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.