خەلقئارا بالىلار كۈنىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەقدىرىگە نەزەر

بالىلار گەرچە قوغدىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئەمما ھەرخىل شارائىتلاردا، تەڭسىز مۇھىتتا چوڭ بولۇۋاتقان بالىلار تۈرلۈك ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچار بولماقتا. بۇلارنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى دەل ئۇيغۇر بالىلىرىدۇر.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات ئۇيغۇر ئاتا-بالا.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات ئۇيغۇر ئاتا-بالا.
RFA/Shohret Hoshur

بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «خەلقئارا بالىلار كۈنى». بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن 1959-يىلى 20-نويابىردا «بالىلار ھوقۇقى خىتابنامىسى» نى، ئارقىدىن 1989-يىلى 20 نويابىردا «بالىلار ھوقۇقى كېلىشىمى» نى ماقۇللىغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1990-يىلىدىن باشلاپ، بالىلارنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇقىرىدىكى ئىككى كېلىشىم ئىمزالانغان 20-نويابىر كۈنىنى رەسمىي بىر خاتىرە كۈنى سۈپىتىدە بېكىتكەندىن بېرى، بۇ كۈن ھەر يىلى خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.

خەلقئارادا بۇ ئىككى شەرتنامە يولغا قويۇلۇپ، بالىلار ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ب د ت ئۆسمۈرلەر فوندىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئورگان-قۇرۇلۇشلار بارلىققا كەلدى. ئۇلار شەرتنامىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، بالىلارنىڭ ھوقۇقى ئىرق، مىللەت، دىن، جىنس ئايرىمىغان ئاساستا كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك، دېگەن ئاساسىي پرىنسىپ ئاستىدا دۇنيا بالىلىرىنىڭ ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەپسۇسكى، ئوخشىمىغان شارائىتلاردا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ ئوخشىمىغان مەسىلىلىرى ئاياغلاشقىنى يوق. ب د ت ئۆسمۈرلەر فوندى UNICEF يۇنىسېف 2012-يىللىق دوكلاتىدا شەھەرلىشىشنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ئىش تېپىش، ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈمىدى بىلەن شەھەرلەرگە كۆچۈپ كېلىۋاتقان ئاتا -ئانىلارغا ئەگىشىپ شەھەرلەرگە كەپ قالغان بالىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى باش تېما قىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، شەھەرلەردىكى نامرات رايونلاردا ياشايدىغان بۇ بالىلار سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ يېڭى مۇھىتتا ئوخشىمىغان يېڭى-يېڭى رىقابەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ بالىلار گەرچە شەھەرلەردىكى قۇلاي‏-پايدىلىق شارائىتلارغا ئىنتايىن يېقىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار پاكىز سۇ ئىچىش، ئېلېكتر ئىشلىتىش، سەھىيە خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىشقا ئوخشاش ئەڭ ئاددىي ئىمكانلاردىنمۇ مەھرۇم ھالدا ياشايدىكەن. مەكتەپكە بېرىشنىڭ ئورنىغا ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىدىكەن. ئولتۇرغان مەھەللىلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش خەۋپىگە ئۇچرايدىكەن ياكى بۇ خىل نامرات مەھەللىلەردىكى ھەددىدىن زىيادە قىستاڭچىلىق، مەينەتچىلىكلەر سەۋەبىدىن كېسەل بولىدىكەن.

بۇ بالىلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر پەقەت يۇقىرىقىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇلار يەنە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئادەم تىجارىتى، ئەيدىز كېسەللىكى ۋە تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغىمۇ نىشان بولماقتا. مانا مۇشۇنداق شارائىتلاردا نورمال ئۆسۈپ يېتىلىش شارائىتىدىن مەھرۇم چوڭ بولۇۋاتقان بالىلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىمۇ خەۋپ ئاستىدا.

ستاتىستىكىلاردىن قارىغاندا، 2050-يىلىغا كەلگەندە، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 70 پىرسەنتى شەھەرلەردە ياشايدىغان بولۇپ،UNICEF بۇ رەقەمدىن قارىغاندا شەھەرلەردە ياشاۋاتقان بالىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. يۇنىسېف باشلىقى ئانتونىي لېيىك سۆزىدە، بالىلار ئۇچراۋاتقان ھەربىر قىيىنچىلىققا قاراپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر ئەخلاقىي جىنايەت، دېگەن.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر بالىلىرىچۇ؟ دۇنيا بالىلىرىنىڭ بىر بۆلىكى بولغان ئۇيغۇر بالىلىرى قانداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ يۇقىرىدىكى دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئوخشاشلا يولۇقماقتا. ئۇلار شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا. ئۇلار نۆۋەتتە ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش، مىللىي كىملىك تەربىيىسى ئېلىش، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بويىچە تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا. سىياسىي، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئېغىر بېسىملار تۈپەيلىدىن مەكتەپلەردە ياخشى تەربىيىلىنىش ئىمكانىغا ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە سېتىلماقتا، ئوغرىلىققا ۋە خېروئىن سېتىشقا مەجبۇرلانماقتا. كوچىلاردا سەرگەردان بولماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بالىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي، سىياسىي بېسىملاردىن سىرت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭمۇ ئاساسلىق نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، 2011-يىلى 28-دېكابىر كۈنى يۈز بەرگەن موكۇيلا ۋەقەسىدىكى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا، ئارىسىدا 6 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دەك كىشىنى ئوققا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يەتتىسىنى ئېتىپ تاشلاپ، 5 بالىنى يارىدار ھالدا تۇتقۇن قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىمۇ ئوخشاشلا زەربىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى كورلىدا دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان 12 ياشلىق ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ 21-ماي كۈنى كورلا ساقچىخانىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى ئۆلۈمىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش فرونتىدا قەپ قالغان ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىغىمۇ ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان. ئۇلار، غەيرىي تۇغۇتلار، تۇغما كېسەللىكلەر بىلەن بوغۇشماقتا. بۇ يىل ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا بوۋاقلارنىڭ تۇغما كېسەل تۇغۇلۇش نىسبىتى 5 پىرسەنت بولۇپ، بالىلارنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى، تۇغما نېرۋا كېسىلى ۋە كەمتۈك تۇغۇلۇش ئەھۋاللىرى ئىنتايىن ئېغىر، مانا بۇلار ئاتوم سىنىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا جامائەتنى دۇنيا بالىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىسىگە جىددىي قاراشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت