26 - سېنتەبىر كۈنى ئاخشام تۈركىيىنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى سىبەل جان كونسېرت بەردى. كونسېرت باشلىنىشتىن بۇرۇن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى، سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر دۆلەت باھچېلى شەرقىي تۈركىستان ئۆيى نامىدىكى كۆرگەزمە بۆلۈمىنى زىيارەت قىلدى.
بۇ فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغان ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ئەنۋەر دەمىرېل ئەپەندى سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر دەۋلەت باغچېلىگە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن رەسىملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ "مانا بۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى" دېدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە شەرقىي تۈركىستان بۆلۈمىگە كىرگەنلەر ئىچىدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋە باشقا پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بار ئىدى.
داڭلىق ناخشىچى سىبەل جان سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن تۈركىيىدىكى تونۇلغان مودېللەر ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىكى كىيىم - كېچەكلەرنى كۆرسەتتى. بۇ قاتاردا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭمۇ كىيىملىرى تونۇشتۇرۇلدى.

فاتىھ شەنتۈرك ئەپەندى بىلەن بىلگەخان گۆكتۈرك خانىم 10 مىڭ تاماشىبىن كەلگەن مەيداندا سەھنىگە چىقىپ ئۇيغۇر كىيىملىرىنى كۆرسەتتى ۋە سەھنىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى لەپىلدەتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 7 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدىكى بۆلۈملەر ئىچىدە ئۇيغۇر بۆلۈمى ئەڭ باي مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، بۆلۈمدە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى تونۇتۇلدى.
بۇ 10 كۈن جەريانىدا تەخمىنەن 20 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۇيغۇر كۆرگەزمە بۆلۈمىنى زىيارەت قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
زىيارەت قىلغان كىشىلەر ئارىسىدا تۈركىيىنىڭ بىناكارلىق مىنىستىرى مۇستافا دەمىر قاتارلىق كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى، ئەزەربايجان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، تونۇلغان سەنئەتچىلەر ۋە ئامما ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
فېستىۋالنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى تۈركىيىنىڭ تونۇلغان ناخشىچىسى سىبەل جان كونسېرت بەرگەن بولغاچقا فېستىۋال مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. بۇ كونسېرتقا 10 مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان بولغاچقا شەرقىي تۈركىستان ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلارنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىدى. بىز نەق مەيداندا بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.