قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى

يېقىندا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان دائىرىلىرى باھانە توقۇپ، مەزكۇر دۆلەتتىن ئامېرىكىدا ئېچىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىگە ماڭغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى چىگرىدىن چىقارمىدى.

0:00 / 0:00

قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا 2-مايدىن 8-مايغا قەدەر ۋاشونگتوندا ئېچىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىگە ماڭغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى ئايرودرومدا توسۇۋېلىپ، ئۇلارنى چېگرادىن چىقارمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغۇچىلار قوشۇنىغا خىتايلارنىڭ مەركىزى نيۇ يورتىكى ئەڭ چوڭ خەلق ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىدىن جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قوشۇلدى. مەزكۇر تەشكىلات چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ 'شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى' ناملىق كېڭەشكە ماڭغان ئۇيغۇرلارغا ئارىلاشقانلىقىدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

قازاقىستان دائىرىلىرى ۋاشىنگتوندىكى يىغىنغا ماڭغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردىنى ئالما-ئاتا خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ توموجنىسىدا توسۇۋېلىپ، ئۇنىڭ پاسپورتىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى، شۇڭا چەتئەلگە چىقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قالغان ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، ۋاشىنگتوندىكى كېڭەشكە قاتناشماسلىققا بۇيرۇغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ۋاشىنگتوندىكى كېڭەشكە ماڭغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى چېگرادىن چىقارماسلىق ۋەقەسى قىرغىزىستان توموجنىسىدىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى. قىرغىزىستان دائىرىلىرى دىلمۇرات ئەكبەروپ قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىلىنى توسۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ۋاشىنگتوندىكى يىغىنغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن. جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ چارشەنبە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، قىرغىز دائىرىلىرىنىڭ تاموژنىدا توسۇۋېلىنغان 2 ئۇيغۇر ۋەكىلگە ئۇلارنىڭ بۇ سەپىرى «خىتاي- قىرغىز مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇپ، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى جىددىي گۇمان پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى شارون خۇم مەزكۇر ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، قىرغىز ۋە قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە ھۆرمەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

شارون خۇم، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزم توغرىسىدىكى ئېنىقلىمىسىنىڭ ب د ت نىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىمىسى بىلەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر قوبۇل قىلغان تېررورىزم ئېنىقلىمىسى ئاساسلىقى خىتاينىڭ چۈشەنچىسىدىكى تېررورىزمدۇر.

خىتاينىڭ تېررورىزم ئېنىقلىمىسى بولسا 3 خىل كۈچلەر نەزەرىيىسى. بۇنىڭ زەربە بېرىش نىشانى تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك. ئۇلار تېررورىزم دېگەندە بۇنىڭغا بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى قوشۇۋالىدۇ. لېكىن بۇ ب د ت يەر شارى تېررورىزمغا قارشى چۈشەنچىسى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. خىتاي ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئېنىقلىمىسىدا تېررورىزم ناھايىتى كېڭەيتىۋېتىلگەن بولۇپ، پائالىيەتچىلەرگە زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. لېكىن بۇ خەلقئارا ئۆلچەمدە تېررورىزمغا كىرمەيدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىشى ئەمەس. ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن قازاقىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم سوراق قىلىنغان ۋە ئاگاھلاندۇرۇلغان شۇنداقلا سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغان ئىدى. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ تاموژنىدا توسۇۋېلىنىشى بولسا خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىر قەدەر كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ۋەقە بولۇپ قالدى. قەھرىمان غوجامبەردى رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگتوندىكى يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى، بىراق يىغىننىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ توردىكى نەق مەيدان رادىئو- تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى ئارقىلىق ۋاقىپ بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى باياناتىنى بولسا «ئىجابىي» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2000-يىلى قۇرۇلغان يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەرەققىياتىنى كونترول قىلىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قەھرىمان غوجامبەردى قاتارلىق زاتلارنىڭ چېگرادا توسۇپ قېلىنىشى بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى «تېررورىزم»، «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ قاراۋاتقان خىتاي بىلەن بۇ ساھەدە زىچ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدىكى شارون خۇم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى سەلبىي تەسىرىنى بايان قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: ئومۇمەن ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى زور تەسىرى بار. بۇنىڭ بىرى، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ناھايىتى كونكرېت مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، مەجبۇرى قايتۇرۇش شۇنداقلا تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن گۇمان قىلغان شەخسلەرنى رەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يەنە بىر يەنە مەسئۇلىيىتى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، قارا تىزىملىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى. مەسىلەن، 2010-يىلى ئاپرېلغا قەدەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون خاراكتېرلىك تېررورىزمغا قارشى ئۇچۇر ئامبىرىغا 42 تەشكىلات ۋە 1100 ئادەمنىڭ ئىسىملىكى كىرگۈزۈلگەن.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ 3-مۇھىم مەسئۇلىيىتى تېررورىزمغا قارشى ھەربىي مانېۋىر، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ مانېۋىرى ئېلىپ بېرىشتۇر. بۇ خىل مانېۋىرلارنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە شۇنداقلا كۆپ قىسىم مانېۋىر ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلماقتا. مانېۋىرنىڭ مەزمۇنى گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش، خەلق ئىسيانلىرىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 2005-يىلى ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىرغا 10 كىشىلىك ئەسكەر قاتناشقان. بۇنىڭ 8 مىڭى خىتاي ئەسكەرلىرىنى ئاساس قىلغان ئىدى. بۇ مانېۋىرلارنىڭ خەلق ئىسيانلىرىغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ دېموكراتىك پائالىيىتى بىلەن «تېررورلۇق ھەرىكەتلەر» نىڭ چەك-چېگرىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرقنى مۈجىمەللەشتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي تۈنۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ۋاشىنگتوندىكى يىغىن بىلەن «تېررورلۇق» نى مۇناسىۋەتلەندۈرۈشكە تىرىشقان. ئۇ، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ توسۇپ قېلىنىش ۋەقەسىدە خىتاينىڭ قولى بار- يوقلۇقىغا دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ۋەقەنى بىلمەيدىغانلىقى، بىراق تېررورىزم يالغۇز جۇڭگوغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى يالغان ئۇچۇر تارقىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى بۇرمۇلاش بىلەن ئەيىبلىدى.

ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ۋە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى چېگرادا توسۇۋېلىش ۋەقەسى دەل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېلەر ئاي ئۆزبېكىستاندا توپلىنىپ، مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىمەكچى بولۇپ تۇرغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن ئىدى. بۇ يىل 6-ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تاشكەنتتىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. شارون خۇم، خىتاينىڭ يېقىندا ئەل-قائىدە كاتتىۋېشى ئوساما بىن لادېننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

شارون خۇم ئەسكەرتىپ، «خەلقئارا جەمئىيەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى ھەرىكىتىنى يېقىندىن ۋە تەنقىدى پوزىتسىيىدە كۆزىتىشى كېرەك، ۋە شۇنداقلا شۇ سوئالنى سوراش لازىم. يەنى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش رامكىسىغا چۈشۈۋاتامدۇ-چۈشمەيۋاتامدۇ ؟ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئىشەنچلىك ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ۋە بولۇۋاتامدۇ. خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خىتاب قىلغاندا ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچىدە دۇنيا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى يەر شارى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشى زۆرۈر. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىش تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاساسىدۇر» دەيدۇ.