0:00 / 0:00
ئارقىدىن ساقچىلار ئۇنى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا ئۈندىگەن. قەمىردىن ساقچىلارغا يالغاندىن ماقۇل بولۇپ، دۆلىتى پاكىستانغا كەلگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن ۋە جاسۇسلۇققا زورلانغانلىقىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن پاكىستاندىكى نامەلۇم يەرلىك كىشىلەر تېلېفون ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان. نەتىجىدە ئۇ ئايال-بالىلىرىنى ئافغانىستانغا ئېلىپ كېتىپ، ئافغانىستاندىكى ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن. ب د ت ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى ئۇنى يەنە ئىزدەشكە باشلىغان ۋە ئۇنى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىدىن ۋاز كېچىشكە قىزىقتۇرغان.