6-ئاينىڭ 18-19-كۈنلىرى ئېچىلىدىغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتكەن بولۇپ، بۇ يىغىندا ئامېرىكا، گېرمانىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە ۋە تۈركىيىدىن بولۇپ 15 ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىس ئۆز تەتقىقاتلىرى ھەققىدە دوكلات بەرمەكچى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى «يەر شارىنى بىر ئاسترىنويىت سوقۇۋېتىش خەۋپى بارمۇ» ۋە «چوڭ پارتلاش ۋە كائىناتنىڭ پەيدا بولۇشى» دېگەن ماۋزۇلاردا دوكلات بەرمەكچى.
شۋېتسارىيىلىك ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت «مەۋھۇملاشتۇرۇش» تېمىسىدا، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «ئۇيغۇر تىل ئىنقىلابى» تېمىسىدا، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا «ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا خاتا چۈشىنىلىشى» تېمىسىدا، ئابدۇۋېلى تۇرسۇن ئەپەندى «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» تېمىسىدا، دوكتور مەخپىرەت كامال خانىم بولسا «موللا بىلال نازىمى ۋە ئۇنىڭ داستانلىرى» تېمىسىدا، دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى بولسا «مەۋاراھۇننەھىر ئىسلام قانۇنچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى» تېمىسىدا، دوكتور ئابلەت تۇران ئەپەندى بولسا «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەرمەكچى.
بۇلاردىن باشقا يەنە كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى كومپيۇتېر بىلىمى، ئۇچۇر، ئەدەبىيات، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق ساھەلەردە تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتمەكچى.
بۇ ئىلمىي دوكلاتلار ئۇيغۇر تىلىدا بېرىلىدىغان بولۇپ تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقانداق تېخنولوگىيىلىك ئۇقۇملارنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بىر تىل ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئابلېمىت قاراخان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەرقايسى ساھەلەردىكى يېڭى تەتقىقاتلار شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تەتقىقاتلىرى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بېرىشتىن باشقا، ئۇيغۇر پەن-مائارىپىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە مۇزاكىرىمۇ ئېلىپ بارىدىكەن.
بىز يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە مۇئاۋىن باشلىقى ئابلېمىت قاراخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.