ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: "ئۇيغۇر رايونىدا تېپىلغان، مىسىر پرامىدالىرىدىن يۈز يىللارچە مۇقەددەم سېلىنغان ۋە مىسىر پرامىدالىرىدىن ھەم ئېگىز ، ھەم بۈيۈك پرامىدالارنى ۋۇجۇتقا چىقارغان ئۇيغۇر تۈركلىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەرگە كىرىشنى تامامەن چەكلىگەندۇر. چۈنكى بۇ پرامىدالارنىڭ ئىچىدە پروتو - تۈرك يازمىلىرى مەۋجۇتتۇر. ئارخېئولوگلارنىڭ كىرىشىگىمۇ قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى، دۇنيا تارىخىنىڭ تەكرار يېزىلىشىغا ئېھتىياج تۇغۇلۇشى مۇمكىن. بۈگۈن خىتاي چېگرالىرى ئىچىدە يەر ئېلىۋاتقان شىئەن شەھىرىگە 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىنلىڭشەن تاغلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىرى تەرىپىدىن ئىنشا قىلىنغان، ئەتراپىدا چوڭ - كىچىك 100 دانە پرامىدا بىلەن بىرگە 300 مېتىر ئېگىزلىكتە بىر پرامىدا بار."
ماقالىدە ئاق پرامىدا ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يېزىلغان: "ئاق پرامىدانىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتايغا ياردەم ئەشيالىرىنى توشۇغان بىر

C - 54 ئايرۇپىلانى تەرىپىدىن تارتىلغان رەسىمى 1957 - يىلى تۇنجى قېتىم "Life" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان . بۇ پرامىدالارنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش مەقسىتى بىلەن 1994 - يىلى شەنسى رايونىدا بىر تەتقىقات ساياھىتى ئېلىپ بارغان گېرمانىيىلىك ئالىم ھارتۋىگ ھاۋۇسدوف ئۆزىنىڭ رەسىم ئالبومىدىن بىر قانچە رەسىمىنىڭ خەلققە كۆرسىتىلىشىگە رۇخسەت قىلغان. ھاۋۇسدوفنىڭ قارىشىچە، پرامىدالارنىڭ بىنا قىلىنىش تارىخى ئەڭ ئاز مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2500 يىللار ئەتراپىدىدۇر. رايوننىڭ خىتاي تەرىپىدىن چەكلەنگەن رايون قىلىپ ئېلان قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك پرامىدالارنىڭ ئىچىدىكى مىسىر پرامىدالىرىدىنمۇ يۇقىرى تېخنىكا بىلەن مۇميالاشتۇرۇلغان جەسەتلەر ۋە قەدىمقى تۈركچە يازمىلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ."
ماقالىدە پرامىدالارنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يېزىلغان: "پرامىدالار ھەجمى، ئەسلى شەكلى ۋە چوڭلۇقىنىڭ دىققەتنى تارتماسلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەقسەتلىك ھالدا ۋەيران قىلىنغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن. پرامىدالارنىڭ ئۈستى تەرەپلىرى كېسىلگەن ۋە توپا بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە ئورمان تىكىلگەن."
پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ئەسلى ياراتقۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى خۇلاسىسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بۇ ئادەتتىن تاشقىرى كەشپىيات غەربلىك

ئىلىم ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل ھالدا ئېتىبارسىز قالدۇرۇلماقتا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن يۇشۇرۇن تۇتۇلۇشى مۇمكىن بولمىغان بۇ پرامىدالارنى باشقا بىر مەدەنىيەتكە مەنسۇپ قىلىشنى كۆزلىگەن مەقسەتلىك ئۇرۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ژۇرنالىست ۋارىسجان ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىدىكى سۈرەتلەر، ئەرگىنەقون گېزىتىنىڭ، 2008 - يىلى فېۋرال 14 - سانىدا `خىتاي تەرىپىدىن مەخپىي تۇتۇلغان ئۇيغۇر پرامىدالىرى` ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ مەنبەلىرى، يەنى
[ http://www.turkdirlik.comOpens in new window ]
،
[ http://www.hunturk.net/forum/Opens in new window ]
،
[ http://www.trilobia.com/pyramids.htmOpens in new window ]
،
[ http://img.blogcu.comOpens in new window ]
قاتارلىق تور بەتلىرىدىن ئېلىندى. سۈرەت ۋە ئۇچۇرلارنىڭ نەشىر ھوقۇقلىرى شۇ بەتلەر ۋە ئاپتورلىرىغا تەۋە. شۇ بەتلەرگە كىرىپ "پرامىت" سۆزىنى ئىزدىسىڭىز، مەنبەلەرنى تاپالايسىز.