ئۇيغۇر ئېلى پۇتبول كوماندىسى ۋە پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى

5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى تەنتەربىيە مەركىزى پۇتبول مەيدانىدا ئۇيغۇر ئېلى پۇتبول كوماندىسى بىلەن تيەنجىن پۇتبول كوماندىسىنىڭ 4-ئايلانما پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلغان.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلى پۇتبول كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ساھىپخان سۈپىتىدە مۇسابىقە ئوينىشى پۇتبولخۇمار ئۇيغۇر خەلقىنى قىزغىن ھاياجانغا سالغان بولۇپ، ئۇيغۇر ماھىرلىرىنىڭ ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىشىمۇ ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بولماقتا ئىكەن.

12-ماي شەنبە كۈنى ئۈرۈمچى تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئالدى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پۇتبول ھەۋەسكارلىرى بىلەن لىق تولغان ئىدى. ئۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق ب دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى كوماندىسى بولغان غەربىي دىيار تاش ئالما پۇتبول كوماندىسى تيەنجىن پاراۋوز پۇتبول كوماندىسىغا قارشى مۇسابىقە ئوينىغان. بۇ ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ساھىپخان سۈپىتىدە مۇسابىقە ئوينىشى بولۇپ، مەيدانغا 35 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن كەلگەن.

بۇ رەقەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پۇتبولغا بولغان ئالاھىدە ھېرىسمەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبولخۇمار خەلق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى تاماشىبىن سانى ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە مەيدانىغا 25300 تاماشىبىن كەلگەنلىكىدەك رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. پۇتبول سۆيەر ئۇيغۇر خەلقى قەشقەر، قاراماي، تۇرپان، توقسۇن...قاتارلىق شەھەر، ناھىيىلەردىن مەخسۇس ئۆز پۇتبول ئەزىمەتلىرىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەن.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى شۇ كۈندىكى مۇسابىقە ئەھۋالىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن كەلگەنلەرنىمۇ ھەيران قالدۇرغان. خىتاي ئىچىدىكى تور بەتلەردىكى ئىنكاسلاردا بېزىلەر بۇنى خىتايدىكى ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىلىرىدىمۇ ئادەتتە 8-9 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم كېلىدىغانلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بېزىلەر ھەتتا ئىنكاسلىرىدا «بۈگۈنكى بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە بىزگە جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى قەيەردىلىكىنى ۋە پات يېقىندا كېلىدىغان پارلاق ئەتىسىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلى كوماندىسى بىلەن تيەنجىن كوماندىسى ئارىسىدىكى رىقابەت قىزغىن ۋە كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان. مۇسابىقە ئاخىرىدا گەرچە ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر كوماندىسى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە جەريانىدا مەملىكەت ئىچىدە خېلى تونۇلغان كوماندا بولغان تيەنجىن كوماندىسىدىن باشتىن-ئاخىرى ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۇيغۇر ئېلى كوماندىسىنىڭ 4-مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۇلار ئالدىنقى 3 نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ 2 سىدە ئۇتۇپ، بىرىدە تەڭلىشىپ قالغان. پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئۇيغۇر كوماندىسىنىڭ ھازىرغىچە ئوينالغان 4 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرماسلىقىنى زور نەتىجە، دەپ باھا بېرىشمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلى كوماندىسى تەشكىللەنگەندىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىدە مەملىكەتلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندا يوق بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرغان ۋە ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى يىللاردا بارى مەمتىلى، مىرەخمەتجان مۇزەپپەر، شىرئەلىگە ئوخشاش ئۇيغۇر پۇتبولچىلار دۆلەت دەرىجىلىك كوماندىلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىپ، ئۇتۇق قازىنىشقا باشلىغان ئىدى. ئىلگىرى خىتاي ئۆلكىلەردىكى بىر قانچە توپ كۇلۇبلىرىدا توپ ئوينىغان ۋە ھازىر گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئىلشاتنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك كوماندىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى ئۇيغۇر پۇتبولچىلارغا زور مەدەت بېغىشلىغان بولۇپ، بۇ ھەم ئۇيغۇر پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ نەچچە ھەسسە ئېشىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى تور بەتلەردە يېزىلغان ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، خىتاي دۆلەت كوماندىسىنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بېرى خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئارزۇ قىلىنغان نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكى، خىتاي توپ ھەۋەسكارلىرىنىمۇ قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، بەزى توپ ھەۋەسكارلىرى ھەتتا خىتاي دۆلەت كوماندىسىنى ئۇيغۇر پۇتبولچىلاردىن تەشكىللەش كېرەكلىكىنىمۇ مۇنازىرە قىلىشقان. بولۇپمۇ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ كۆرسەتكەن ياخشى ماھارىتى ۋە پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىنلىقى خىتاي پۇتبول ساھەسىدىكىلەرنىمۇ ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي پۇتبولچىلىقىنىڭ يېڭى باھارى ئۇيغۇر ئېلىدە، دېگەن. ئېلشات ھازىر گوللاندىيىدىكى پۇتبول كۇلۇبلىرىدىمۇ توپ ئويناش جەريانىدا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن تالانتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبولدىكى تەبىئىي تالانتىنى مۇنتىزىم بىر تەربىيە ئاساسىدا پىششىقلاپ چىققان تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىك پۇتبول كوماندىلىرى مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئايلانما مۇسابىقىسى 22-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەقىبى بېيجىڭدىن كەلگەن كوماندا بولىدىكەن. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر توپ ھەۋەسكارلىرى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ھاياجان ئىچىدە كۈتمەكتە. ئۇيغۇر توپ ھەۋەسكارلىرى تېخىمۇ كۆپ مەدەت بەرگۈچىنى مۇسابىقە مەيدانىغا چاقىرماقتا.