مەزكۇر ھەرىكەت جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن، بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 25 - مارت كۈنى، ئۇزۇندىن بېرى يەرلىك خىتايلارنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىمى ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئاستىدا، شىپۇسى يېزىسىدا تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇش ۋە تۇتۇن قىلىش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەن."
شىپۇسى يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25-مارت كۈنى، سەھەر ۋاقتىدىن باشلاپ، يېزىنىڭ ئەتراپىنى قورشىغان جىنپىڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ساقچى قىسىملىرى، كۆزىگە چىلىققانلا ئۇيغۇرنى ھېچقانداق سوراقسىز تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان. نېمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان ئۇيغۇرلار، قوللىرى-پۇتلىرى باغلانغان، باشلىرىغا خالتىلار كەيگۈزۈلگەن ھالدا، قويلارغا ئوخشاش ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا بېسىپ، ئىلىپ كېتىلگەن. خىتاي ساقچىلىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىن كەلگەن ساقچىلار ھەتتا ئۇيغۇر ئاياللىرىغىمۇ ناھايىتى قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ باشلىرىغا خالتا كىيگۈزۈپ تۇتۇپ كەتكەن.
باتۇر، 25 مارت كۈنى شىپۇسى يېزىسىدا، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى تارتىپ ئارخىپىنى تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قويۇپ بەرگەن. لېكىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن كېلىپ شىپۇسى يېزىسىغا ئورۇنلاشقان ئەنۋەر ۋە خوتەن شەھىرىنىڭ جې يېزىسىدىن كەلگەن تۇرسۇنجان قاتارلىق، شىپۇسى يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان 9 كىشى ھېلىمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. ھەرىكەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلەرگە، داۋاملىق ساقچى ئىدارىسىغا ئۆزلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشى شۇنىڭدەك ئەگەر يېزىدا بىرەر يېڭى كىشى پەيدا بولۇپ قالسا، بۇنىڭدىن ساقچىلارنى دەرھال خەۋەرلەندۈرۈش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان.
تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك تاياق زەربىلىرىگە، ھاقارەت ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغان . ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى سوراش ھوقۇقلىرى بېرىلمىگەن. بۇنداق سوئال سورىغان ئۇيغۇرلار بولسا، ساقچىلارغا قارشىلىق بىلدۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، تېخىمۇ ئېغىر جازالارغا ئۇچرىغان.
25 - مارت كۈنىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار، شىپۇسى يېزىسىدىكى ئىش ۋە تىجارىتىنى تاشلاپ، باشقا رايونلارغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
ساقچىلارنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن بۇرۇنلا شىپۇسى ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار قاش تېشى سودىگەرلىرىنىڭ، ناھىيىدىكى خىتايلارنىڭ تۈرلۈك زومىگەرلىك ۋە بۇلاڭچىلىق قىلمىشلىرىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن باتۇر، ھەرىكەتتىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ قېيىنلاشقانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇر دۇكان ئىگىلىرىنىڭ، دۇكىنىدىكى قاش تېشىنى ئوغرىلىغان خىتايلارغا قارشى تۇرالماس بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، چۈنكى ساقچىلارنىڭ ئوغرىلىق قىلغان خىتاينى ئەمەس، مېلى ئوغرىلانغان ئۇيغۇرنى جازالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە، شىپۇسى يېزىسىدا خىتايلار تەرىپىدىن ماللىرى بولانغانلىقى ئۈچۈن ياكى خىتايلارغا ساتقان ماللىرىنىڭ پۇلىنى ئالالماي، سوتقا ئەرز قىلغان ھېچقانداق ئۇيغۇر سوتتا ئۇتالمىغان.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار 1990 - يىللارنىڭ باشلىرىدا، خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم قاش تېشى تىجارەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان شىپۇسى يېزىسىغا كېلىپ ئورۇنلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىر بۇ يېزىدا، 2 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدىكەن. قاش تېشى تىجارىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، شىپۇسى يېزىسىدىكى خىتايلار ئىقتسادىي جەھەتتىن تېز كۆتۈرۈلۈپ، باياشات بىر ھايات سۈرۈشكە باشلىغان.
باتۇرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە جىنپىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت، شىپۇسى يېزىسىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى بۇ يېزىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى كۆپ قېتىم ئويلاشقان بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ھەرىكەت، يېزىدىكى قاش تېشى تىجارىتىدىن پايدىلانغان ۋە مۇشۇ تىجارەت بىلەن بېيىغان خىتايلارنىڭ ئىقتىسادىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان.