بۇ پۇرسەتتە ئۇلار، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ھەم ئۇلارنى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر قەلەم مەركىزىنىڭ باش كاتىپى قەيسەر ئابدۇرۇسۇلنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن ئۆتكەن ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە 5 كۈن داۋام قىلغان؛ خەلقئارالىق ئىپادە ئەركىنلىكى يىغىنى دەپ ئاتالغان بۇ يىغىننى خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى، (IFEX) خەلقئارا تور مەركىزى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تورى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تەشكىلات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىنغا خەلقئارادىكى 124 چوڭ - كىچىك تەشكىلاتتىن 500 دىن ئارتۇق كىشى قېتىلغان. نورۋىگىيىدىكى ھەر قايسى ئەلچىخانىلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىمۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان. يىغىندا ئاساسلىقى ئىپادە ئەركىنلىكى، جۈملىدىن نەشرىيات - ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى؛ ھۆكۈمەت ۋە پارتىيىلەرنىڭ تەشۋىقاتچىلىقى بىلەن ئەركىن ۋە مۇستەقىل پىكىر بايان قىلىش ئارىسىىدىكى توقۇنۇشلار مۇھاكىمە قىلىنغان.
يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا، ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش ئەھۋالى، چەتئەلدىكى بىتەرەپ ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تارقىتىلىشتا چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى؛ ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەھدىتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇيغۇر قەلەم مەركىزى يىغىنىدا، تۈرمىدىكى مەھبۇسلاردىن نۇرمەمەت ياسىن، كۈرەش ھۆسەيىن ۋە مەھبۇبە ئابلەش مەسىلىسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلار بىلەن بىرلىكتە يەنە، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ تاقىلىشى ۋە ئۇنىڭ نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنىشىنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى مەسىلىسى قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
قەيسەر ئابدۇرۇسۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى رەسمىي ئەزالار ۋە غەيرىي رەسمىي ئەزالار بولۇپ ئىككى تۈرلۈكتۇر. نۆۋەتتە ئۇيغۇلاردىن 4 كىشى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىنىڭ غەيرىي رەسمىي ئەزاسى؛ بۇلاردىن نۇرمەمەت ياسىن نۆۋەتتە 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي ئەزاسى؛ ئۇنىڭ ياۋا كەپتەر ناملىق ئەسىرى ھازىرغىچە ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. ھازىر بۇ ئەسەر ۋىنگىرچىگە تەرجىمە قىلىنماقتا.
ئۇيغۇر قەلەم مەركىزى نۇرمەمەت ياسىن مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە 2010 - يىلنى ياۋا كەپتەر يىلى قىلىپ بېكىتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەت پروگراممىلىرىدىن بىرى، قىيىنچىلىقتا قالغان قەلەمكەشلەرگە ياردەم بېرىشتۇر. ئۇيغۇر قەلەم مەركىزى بىر نەپەر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ پاناھلىق مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىدىن قايتا ياردەم سورىغان.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇر قەلەم مەركىزىدىن قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ۋە ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمىدىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسامۇ قاتناشقان. دولقۇن ئەيسا يىغىن جەريانىدا، نورۋىگىيىدىكى ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىخانىلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ كانادا ئەلچىخانا خادىمى بىلەن كۆرۈشكەن چېغىدا، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىكى يېقىنقى ئەھۋاللار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.