ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى مەركىزى خەلقارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى

2006 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدا شىۋېتسىيىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى، ئۆتكەن ھەپتە خەلقارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلتىماسى خەلقارا قەلەم مەركىزىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە جەنۇبى ئامېرىكىدىكى كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 74‏ - قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا تەستىقلاندى.

خەلقارا قەلەمكەشلەر مەركىزى 1907 ‏ - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 104 دۆلەتتە 146 ئەزا تەشكىلاتى بار.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ باش كاتىۋى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.