ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ موڭغۇلىيىدىكى تەسىراتلىرى

موڭغۇلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئورال ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر قەلەمكەش ۋە تىلشۇناسلار، يىغىننىڭ ئىنتايىن نەتىجىلىك، ئەھمىيەتلىك بولغان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.07.13
oral-altay-tilliq-qelemkeshler1-305.jpg يىغىنغا قاتناشقۇچىلار كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشىنى زىيارەت قىلماقتا. 2011-يىلى ئىيۇل.
RFA

بۇ يىغىن نەتىجىسىدىن سۆيۈنگەن بولسا، يىغىن داۋامىدا ئەجدادلىرىنىڭ موڭغۇل يايلاقلىرىدا قالغان تارىخىي ئىزلىرىنى زىيارەت قىلىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن ھاياجانلانغان. يىغىننى تاماملاپ تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىگە قايتقان بەزى ئۇيغۇر ۋەكىللەر مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، موڭغۇلىيە زىيارىتىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

1-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە داۋام قىلغان ئورال ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلىرىنىڭ ‏3-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى موڭغۇلىيىدە نەتىجىلىك تاماملانغاندىن كېيىن، 12 دۆلەتتىن يىغىلغان ئارخېئولوگ، تىلشۇناس، يازغۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىگە قايتىپ مەزكۇر يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرى ۋە موڭغۇلىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارەت تەتقىقاتلىرىنى قەلەمگە پۈتمەكتە. مەزكۇر يىغىنغا قازاقىستاندىن قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن، تىلشۇناس، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى دىلنۇر قاسىموۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ موڭغۇلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ ئەھمىيەتلىك تەرەپلىرىنى يىغىنچاقلىدى ۋە ئۆزى ئۈچۈن ھەممىدىن ھاياجانغا سالغىنى ئەجدادلىرىنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى، ئۇتۇقلۇق تەرىپى بولسا ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقئارادا تونۇلغان قەلەمكەشلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر يىغىننىڭ ساھىپخانلىرىدىن بىرى بولغان خەلقئارا قەلەمكەشلىك جەمئىيىتى ئورال ئالتاي تىللىرى ئىش بىرلىكى مۇدىرى، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتى رەئىسى قەيسەر ئۆز ھون ئەپەندى، يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى ھەممىدىن ھاياجانغا سالغان مىنۇتلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ باسقان ئىزلىرىنى، سۇ ئىچكەن دەريالىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى، ئىنتايىن ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى شۋېتسىيىدىكى ئىشخانىسىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە نەتىجىلىرىنى يەكۈنلىدى شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ ئەجدادلارنىڭ موڭغۇلىيىنىڭ بىپايان يايلاقلىرىدا قالدۇرغان قىممەتلىك يادىكارلىق ئىزنالىرىنىڭ تېخى مۇۋاپىق ۋە سېتىلمىلىق قوغداشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرگىنىدە «بىز ئۇيغۇرلار ۋەتىنىمىز بولسىمۇ، دۆلىتىمىز بولمىغاچقا بۇ قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزغا ئىگە چىقالمىدۇق» دەپ مەيۈسلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى شۇنداقلا، موڭغۇلىيىدە قالغان ئۇيغۇر يادىكارلىق ئىزلىرىنى خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.