ئايروپىلان لايىھىلەش كەسپىنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر قىزى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى ئۆزى ئارزۇ قىلغان كەسىپلىرىگە كىرىپ ئوقۇپ ئالىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇلاردىن بىرى بۇ يىل تۈركىيىنىڭ تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئالىي نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرگەن ئىپار فەرھات. ئىپار فەرھات 1984 - يىلى خوتەندە تۇغۇلغان بولۇپ، 1992 - يىلى 8 ياش ۋاقتىدا ئاتا ئانىسى بىلەن بىللە تۈركىيىگە كېلىپ ماكانلاشقان.

باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئۆزى كىچىكىدىن تارتىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، ئايروپىلان لايىھىلەش كەسپىگە ئۆتكەن. بۇ يىل بۇ بۆلۈمنى ئالىي دەرىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا ئۆتكەن. ئۇ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قانداق قولغا كەلتۈردى؟

بىز ئىپار فەرھات بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.