ئۇيغۇر قىزى تۈركىيىدىكى «شوۋ - تۋ»دە خىتايچە ناخشا ئوقۇدى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.11.23
2011.11.23

RFA
ئۇلار تېلېۋىزىيىدە ناخشا ئوقۇش، سېھىرگەرلىك، گىمناستىكا ۋە ئۇسسۇل ئويناشقا ئوخشاش ساھەلەردا ماھارەتلىرىنى كۆرسەتمەكتە. ماھارەت كۆرسەتكەن يۈزلەرچە كىشى ئارىسىدىن دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات بېرىلىدۇ. داڭلىق كىنو ئەرتىسى ۋە ناخشىچى ھۈليا ئاۋشار، داڭلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىگۈچى ئاجۇن ئىلىجالى ۋە داڭلىق پۇتبولچى سەرگەن يالچىن قاتارلىق كىشىلەر باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. بۇ مۇسابىقىگە 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە ئۆزىنى ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى دەپ تونۇشتۇرغان قەدىرىيە ھاشىم ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزىمۇ قاتناشتى.
تۈركىيىدە ئەڭ كۆپ كىشى كۆرىدىغان «شوۋ - تۋ» تېلېۋىزىيىسىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلغان بۇ مۇسابىقىگە قولىدا خىتاينىڭ چىغ قالپىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان قەدىرىيە ھاشىم، قالپاقنى پروگرام رىياسەتچىسىگە سوۋغات قىلدى. قەدىرىيە ھاشىم سەھنىگە «مەرھابا مەرھابا تۈركىيە» دەپ چىقتى. ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا زالدىكى تاماشىبىنلار چاۋاك چېلىپ قاتتىق ئالقىشلىدى. لېكىن، كېيىن خىتايچە ناخشا ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن داڭلىق كىنو ئەرتىسى ھۈليا ئاۋشار «بىز چۈشەنمىگەن تىلدا ناخشا ئېيتقانلارنى تاللىمايمىز» دەپ، رەت قىلدى. قەدىرىيە ھاشىممۇ بۇنىڭدىن قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى ئېيتىپ سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى. قەدىرىيە ھاشىمنىڭ تۈركىيىدىكى «شوۋ - تۋ» تېلېۋىزىيىسىدە خىتايچە ناخشا ئوقۇشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا تۈرك ۋە ئەزەرىلەرنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى، 4 كۈندىن بۇيان توربەتلىرىدە نارازىلىق پىكىرلىرى يېزىلماقتا. بىر ئۇيغۇر قىزى نېمە ئۈچۈن ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدا ئانا تىلىدا ئەمەس خىتاي تىلىدا ناخشا ئوقۇيدۇ؟ قەدىرىيە ھاشىمنىڭ تۈركىيىدىكى تېلېۋىزىيىدە خىتايچە ناخشا ئوقۇشىغا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بۇنچىلىۋالا نارازىلىق كۆرسىتىدۇ؟
دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن جەمىيەتشۇناس، مۇزىكانت ۋە بەزى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.