خىتاي يۇرتلىرىغا يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن بويىغا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۆلكىلەرگە توپ-توپ يۆتكىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى جىددىي ئەندىشىلەندۈرمەكتە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانىغا ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، چاڭلاشتۇرۇپ ئاسمىلىياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت قارا نىيىتى يوشۇرۇنغان دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىدا مەجبۇرىي ئىشسىز قالدۇرۇش،ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يوللىرىنى ھەر خىل ۋاستىلار بىلەن قىسىش، ئەمما ئۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ياشلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۇقىرى ئېتىبار بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا يۆتكەپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان رەزىل پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان دىنىي زات قۇربانجاننىڭ بىلدۈرۈشچە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي يۇرتلىرىغا يۆتكىشى ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلماستىن ، بەلكى ئۇلارنى بويتاق خىتاي يىگىتلىرى بىلەن توي قىلىشقا شارائىت ھازىرلاپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ قېنىنى بۇلغاپ ،ئاسمىلىياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

قۇربانجان يەنە ، بۇ مەسىلىنى دىنىي جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ: "باشقىلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ باشقا يۇرتلارغا ئەۋەتىش ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەندەك ئېغىر جازا ھېسابلىنىدۇ، ئىسلام دىنىدا ۋەتىنىگە دۈشمەن بېسىپ كىرسە ئۇلارغا قارشى تۇرۇش پەرىز قىلىنغاندەك، ئۆز قەۋمىنىڭ ئەزالىرى باشقىلار تەرىپىدىن ناھەق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشمۇ ئوخشاشلا پەرىز ھېسابلىنىدۇ " دەيدۇ.