خىتايلار ئارىسىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر قىزلىرى مىللىي تەڭسىزلىكنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلغان

90 - يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلى زىيادە تەكىتلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغانلارنىڭ خىزمەت تېپىشى بارغانچە تەسلەشكەن. بۇ سەۋەبتىن بەزى ئاتا - ئانىلار ياخشىراق خىزمەت پۇرسىتى ئۈچۈن بالىلىرىنى خىتاي تىلى مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقان. ئەمما پۈتۈنلەي خىتاي مائارىپىدا ئوقۇغان بۇ ئوقۇغۇچىلار خىتايلار بىلەن بىللە ئوقۇش ھەم ئوقۇش تۈگەتكەندىن كېيىنكى خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا يەنىلا تۈرلۈك چەكلىمىلەر ھەم كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.11.05
Bir-Uyghur-qizning-Muxbirlargha-shikayiti-Urumqi-07072009-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ، ﺋﻪﺭﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﻤﻪﻧﻤﻪﺳﺘﯩﻦ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﮔﻪﻻ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتايچە ئوقۇغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆزىنىڭ خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا يولۇققان تەڭسىز مۇئامىلىلەر سەۋەبىدىن، ئاخىرقى ھېسابتا ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى مىللىي پەرقنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىگەن ماتېرىيال ھەم ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈشى سەۋەبلىك، شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى بارغانچە شالاڭلىشىپ، شەھەرلەردە خىتاي مەكتەپلىرى كۆپەيگەن. 90 - يىللاردىن كېيىن بولسا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندا خىتاي تىلىنى زىيادە تەكىتلەپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ 2 - دەرىجىلىك تىل ئورنىغا چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبلىك، نۇرغۇنلىغان ياش ئاتا ‏ - ئانىلار بالىلىرىنى خىتاي تىلى مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇش ئارقىلىق بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان خىتاي تىلى بېسىمىغا ئۇچرىماسلىقىنى ھەم ياخشىراق خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلغان.

ئەمما، پۈتۈنلەي خىتاي تىلى مائارىپى بىلەن تەربىيىلەنگەن بۇ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، تەقدىر ئىستىقبالى ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى كۈتكىنىدەك ئۇنداق پارلاق بولمىغان. 2000 - يىللاردىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگەتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشسىز قېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.

بۈگۈن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇغان تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك كەمسىتىش ھەم باراۋەرسىز مۇئامىلىلەر سەۋەبىدىن ئۆز ۋەتىنى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا خىزمەت تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، ئاتا - ئانىلىرى ھەم ئۇرۇق ‏- تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ئارقىلىق، ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر قىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئۆز بايانىدا، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بالىلىرى بىلەن ئوقۇش ھەم خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا ئۇچرىغان كۆڭۈلسىز ئىشلار ھەم باراۋەرسىز مۇئامىلىلەرنى بايان قىلدى.

بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، مېدىتسىنا كەسپىنى پۈتتۈرگەن تۇرۇقلۇق بىر يىلدىن بۇيان خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، ئامېرىكىغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن بىر ئۇيغۇر قىزى، ئۆزىنىڭ خىتاي بالىلىرى بىلەن بىللە ئوقۇش جەريانىدا ھېچقاچان خىتاي ساۋاقداشلىرى بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، بىر قېتىملىق يېڭى يىل ئولتۇرۇشىدا بىر نەپەر خىتاي ساۋاقدىشى تەرىپىدىن قاچىسىغا ئوغرىلىقچە سېلىپ قويۇلغان چوشقا گۆشىنى يەۋالغان چاغدىكى كۆڭۈلسىز ۋەقەنى بايان قىلدى.

ئۇ ئاشۇ كۆڭۈلسىز ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنىڭ سىنىپتىكى خىتاي ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان ئىلگىرىكى يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى مەكتەپتىكى ھەرقانداق بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىسىغا ھەم مەكتەپ تەشكىلىگىمۇ ئىشەنمەيدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي پەرقنى ھەم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باراۋەرسىز مۇئامىلىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى ۋەتەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ھەم خەۋەرنى قامال قىلىشى سەۋەبىدىن ئۆزى بىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىم ھەم زۇلۇم ھەققىدىكى نەرسىلەرنى بىلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
 
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر قىزى بولسا، ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ خىتاي بالىلىرى بىلەن بىللە ئوقۇش جەريانىدا خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلغان تەڭسىز مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن، تەبىئىي ھالدىلا كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىنى قوغداش پسىخىكىسى يېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئۆزىدىكى بۇ خىل قەيسەرلىكنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: "شۇنداق، ئۇلار ئەلۋەتتە ھەر ۋاقىت بىزگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەتتا بوزەك قىلماقچى بولىشىدۇ. ئەمما، مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئوقۇش جەريانىدا ئۆزۈمنى قوغداشنى ئۆگەندىم. ئۆزۈمنىڭكى توغرا بولىدىكەن، ھېچقاچان ئۇلارغا يول قويمىدىم. نەتىجىدە سىنىپتا شۇنچە جىق خىتاي بالىلىرى ئارىسىدىكى يالغۇز بىر ئۇيغۇر قىزى بولۇشۇمغا قارىماي، ئۇلار ماڭا يول قوياتتى، ھەتتا مەندىن ئەيمىنەتتى ۋە قورقاتتى."

بۇ قىز يەنە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن چەتئەلدە ئوقۇشنى قارار قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: "بىز ئۆز ۋەتىنىمىزدە ئاشۇنداق تەڭسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىدۇق. بۇ ئەھۋال بىزدە تەبىئىي ھالدىلا ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىمىزنى قوغدايدىغان جاسارەت يېتىلدۈردى. مېنىڭ چەتئەلگە چىقىشىم پەقەتلا ئۆز ۋەتىنىمدە خىزمەت تاپالمىغانلىقىم سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي دېموكراتىيە ھەم ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش، ئۆز قابىلىيىتىمنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەن بۇ يولنى تاللىدىم."

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، كىچىكىدىن باشلاپ خىتاي تىلى مائارىپى بىلەن تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي مىللىتى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى تېخىمۇ جىق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان مىللىي سىياسەتتىكى تەڭسىزلىكنى ھەم خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ھېس قىلىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلاردا مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ھەم ئۆز مەدەنىيىتىنى، ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.