پىچانلىقلارنىڭ ئىشىك ئالدىدا نېفىت قۇدۇقى، قىزلىرى جېجياڭدا ياللانما ئىشچى (2)

پىچان خىتاي بۇيىچە، كان بايلىقلىرى زاپاس مىقدارى ئەڭ مول بولغان 10 ناھىيىنىڭ بىرى. پىچاننىڭ يەر كۆلىمى 39 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، پىچانغا تۇتاشقان، يەنە بەزى مەنبەلەردە، ئەسلىدە پىچان زېمىنى بولغان تۇرپان ‏ - قۇمۇل نېفىتلىكىنىڭ كۆلىمى 53 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر.

0:00 / 0:00

يەنى پىچان يەر كۆلىمى ئۆزىدىن بىر يېرىم ھەسسە چوڭ بولغان بىر نېفىتلىك بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرغان بىر ناھىيە. پىچان نوپۇسى 62مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئاز نوپۇسلۇق ناھىيىلەر ئارىسىغا كىرىدۇ. تۇرپان ۋالى مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، پىچان بارغانسېرى ئېچىلىۋاتىدۇ، بايلىقلىرى قېزىلىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى پىچاندا .

4 قىز كېسەل بولۇپ قايتىپ كەلگەن

ئەمما ۋەتەن ئىچىدىن كەلگەن خەۋەرلەر نوپۇسى ئاز، بايلىقى مول بۇ ناھىيىدە، ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ھايات شارائىتى قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، پىچاندىن ئىش ئىمكانىغا ئېرىشەلمەي جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئىشلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر قىزلىرى نۆۋەتتە قىيىن ئەھۋالدا.

پىچان ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىچاندا ئىشسىزلىق مەسىلىسى مەۋجۇت، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرىدىن بىرى، ئەمگەك كۈچى يۆتكەش.

مەزكۇر مەسئۇل خادىم، پىچان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما پىچانلىقلارنىڭ تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكىدىن ۋە بوسۇغۇسىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىدىن نېمە ئۈچۈن بەھرىمان بولالمايدىغانلىقىغا ئىزھات بەرمىدى. بەلكىم ئۇ بۇ تېمىدا ئىزاھاتقا ئېھتىياج يوق دەپ قارىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە ھەم خىتاينىڭ قانۇنى بۇيىچە يەر دۆلەتنىڭ.

" يەر دۆلەتنىڭ، دېھقاننىڭ ئەمەس"

يەر دۆلەتنىڭ بولسا، دۆلەت كىمنىڭ؟ پىچان خەلقى قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش، بىر ئۇيغۇر كادىرىغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى تۇغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقى كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولغاچقا، بۇ سوئالىمىزنىڭ جاۋابىنى خىتاي ھۆججەتلىرىدىن ئىزدىدۇق.

بۇ يىل بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 32 ‏ - نومۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرگەن؛ ھۆججەتتە، دۆلەتنىڭ باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقى، يەر ئاستى بايلىقى ئېچىلىۋاتقان جايلارغا، مۇھىت تۆلەم پۇلى بېرىدىغانلىقى، باج مەھسۇلات مىقدارىغا قاراپ، مال باھاسىغا قاراپ ئېلىنىشى كېرەكلىكى، بۇ ئارقىلىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇش بەلگىلەنگەن. ئەمما بۇ، ئەمەلىيلەشمىگەن. بۇ يىل ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئېلى ۋەكىللىرىدىن نيۇ روجى بۇ ھۆججەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. باش مىنىستىر ۋېن جياباۋمۇ، مەزكۇر ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغان.

پىچاننىڭ پۇلى بېرمىغا

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ھۆججەت ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە، پەقەت يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيىسى كۈچلىنىدۇ، بۇ ھەرگىز يەرلىك خەلققە نەپ تېگىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.

كەلگەن ئىنكاستىن مەلۇم بولۇشىچە، جېجياڭدىن كېسەل بولۇپ قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئائىلىلىرى قىزلىرىنى داۋالىتىشتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە، ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغان ھېچقانداق بىر ئورۇن يوق. ئەمما تۇرپان تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پىچاندىن يىلىغا مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت ئىشلەپچىقىرىۋاتقان خىتاي دۆلەت نېفىت شىركىتى بېرمىدا تەبئىي ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا 300 مىڭ دوللار يەنى 2 مىليون 200 مىڭ يۈەن ئىئانە پۇل ئاجراتقان . بۇ شىركەتنىڭ پىچاندا بىر تارماق شىركىتى بار.