بىشكەكتە قوشاقچى 'ئېلاخۇن كۆككۆز' تۇغۇلغانلىقىنىڭ 143 يىللىقى خاتىرىلەندى

قىرغىزىستاندا يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيغۇر شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاتاقلىق قوشاقچىسى "ئېلاخۇن كۆككۆز" تۇغۇلغانلىقىنىڭ 143 يىللىقى خاتىرىلەندى.

0:00 / 0:00

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى. خاتىرىلەش پائالىيىتىدە مەرھۇمنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.