0:00 / 0:00
بۇ قۇرۇلتاي يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بولغان ئىشەنچ-ئۈمىدلىرىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا.
شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە، خەلققە يەتكۈزۈش ۋە چۈشەندۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ھەم زۆرۈرلۈكىمۇ تەكىتلەنمەكتە. بۇ جەھەتتە قازاقىستاندىمۇ بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتناشقۇچىسى، تونۇلغان سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.