ئۇيغۇرلار رامزاننى دىنىي ۋە سىياسىي بېسىملار ئىچىدە باشلىدى

ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن، بۇ رامزان ئېيىنىڭ يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن دىنىي، سىياسىي بېسىملىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن بىر ئاي بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇ يىللىق مۇبارەك روزى ئېيى ئاۋغۇستنىڭ 1-كۈنى باشلاندى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن، ئۇيغۇرلار بۇ روزا ئېيىنى پەقەت قوي گۆشى ۋە كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ يۇقىرىلاپ كەتكىنىگە ئوخشاش ئىقتىسادىي بېسىملا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن ئېغىر بېسىملار بىلەن باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى. يەنى ئاتۇشتىكى مەلۇم ئۇيغۇر رېستورانىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، رېستوراننىڭ ئايال خوجايىنى، بۇ يىل دائىرىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارغا روزا مەزگىلىدىكى تىجارەتنى توختاتماسلىق ھەققىدە چۈشۈرگەن ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ كەسكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاقسۇنىڭ مەلۇم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن تېلېفوننى ئالغان نۆۋەتچى ساقچى، ئۆزىنىڭ روزا تۇتالمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما سەۋەبىنى ئېيتالمىدى.

قەشقەر سېرىق بويا بازىرىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال، ۋەزىيەتنىڭ ئىلگىرىكىدىن چىڭلىقىنى، بۇنىڭغا قەشقەردە ئىككى كۈندىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭمۇ تەسىرى بارلىقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تىلغا ئالدى.

قەشقەردىكى بىر ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىن تېلېفوننى ئالغان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى، تەتىل بولسىمۇ مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر ھەپتە مەكتەپكە يىغىلىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلىغايسىلەر.