مەشئەل ئۇزۇتۇش مۇراسىمى راستىنلا ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تېنچلىقىدىن بىشارەت بەردىمۇ؟ خىتاي ۋە خەلقئارا خەۋەرلەردە تارقالغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار ۋەزىيەتنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىنى كۆرسەتمەكتە:. مەشئەل ئۇيغۇر رايونىغا يېتىپ كەلگەن كۈنى رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى نۇر بەكرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىغە ۋاكالىتەن بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كۇنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بولسا، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، "ئۇيغۇرلار بېيجىڭنىڭ زۇلۇمىنى چېكىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تەبىئىي ھالدا بېيجىڭنىڭ خوشاللىقىغا ئورتاق بولالمايدۇ،" دەپ ئەسكەرتتى.
ئۇيغۇر رايونىدىكى مەشئەل مۇراسىمىدا ئىككى ۋەقە ئولىمپىك تارىخىغا يېڭى رېكورد بولۇپ يېزىلدى. بىرى مۇراسىمنى نەق مەيداندا ئەمەس ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كۆرۈشكە چاقىرىش. يەنە بىرى مەشئەل كۆتۈرۈپ ئۇسۇل ئويناش. مۇراسىمنى ئۆيدە كۆرۈشنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى مەسئۇلى لى گۇاڭمىڭ ، تاماشىبىنلارنىڭ كوچىغا پاتماي قالماسلىقى ئۈچۈن دەپ بىلدۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەسلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىش دەپ بىلدۈردى ۋە مۇنداق سوئال قويدى: " كۆپ نوپۇسلۇق خىتاي ئۆلكىلىرىدە كوچىغا چىققان تاماشىبىنلار، قانداقلارچە ئۇيغۇر رايونىدا كوچىغا سىغماي قالىدۇ؟ " دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردىكى ئېھتىماللىق كوچىغا پاتماسلىق ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىش تېرىپ قويۇش ئېھتىماللىقىدۇر.
ئولىمپىك تارىخىدا، ئولىمپىكنىڭ قائىدە - تەرتىپلىرى بۇيىچە مەشئەل ئۇزۇتۇش تەنھەرىكەتچىلەر تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن. ئەمما ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەندە مەشئەل ئۇسۇلچىلارنىڭمۇ قولىغا ئۆتكەن. مەشئەل كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش پائالىيىتىگە مەشئەل كۆتۈرۈپ ئۇسۇل ئويناش پائالىيىتى قېتىلغان. ئولىمپىك تارىخىدىكى بۇ يېڭىلىققا ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئىزاھاتى باشقىچە. ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ھەددىدىن تاشقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەنسىز كەيپىياتنى سەنئەت ئارقىلىق پەدەزلەش. يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ، مەزلۇم خەلقنى دۇنياغا بەختلىك قىلىپ كۆرسىتىش.
مەشئەل مۇراسىمى باشلانغان كۈنى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئولىمپىك مەشئىلى ئىسيانكار شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. مۇراسىم ئاخىرلاشقان كۈنى، شىنجاڭ خەۋەر تورىدا " مەشئەل مۇراسىمى تېنچ - ئامان ئاخىرلاشتى" دەپ خەۋەر بېرىلدى. ھەر ئىككى ماۋزۇسىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى سەزگۈرلۈك ئىپادىسىنى كۆرسەتمەكتە.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مۇراسىمنىڭ ئالدىدا، ياشلارنى تۇتقۇن قىلىشىدىن مۇراسىم جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا مەشئەل تۇتقۇزۇپ ئۇسۇلغا سالغىچە بولغان بارلىق تىرىشچانلىقى دۇنياغا بىرلا نەرسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر رايونى تېنچ رايون.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تېنچ ۋەزىيەتتە قىلىپ كۆرسىتىش تىرىشچانلىقى خەلقئارا جامائەتنى قايىل قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ سوئالغا بىر قېتىملىق نوبىل مۇكاپاتى يىغىنىدا سۆزلەنگەن تېنچلىق تېمىسىدىكى نۇتۇقتىكى مۇنۇ پارچىلار جاۋاب بولالايدۇ: " بىر جايدا ئۇرۇش بولمىسىلا، ئۇ جاي تېنچ جاي ھېسابلانمايدۇ. بىر يەردە مىلتىقنىڭ ئاۋازى چىقمىسىلا ئۇ يەر خاتىرجەم يەر ھېسابلانمايدۇ. تېنچ رايون ئىنسانىي ھەق ۋە ئادالەت بولغان يەردۇر." تۈرك پائالىيەتچى مۇمتاز سويسال تەرىپىدىن سۆزلەنگەن مەزكۇر نۇتۇقتا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: خەلقى ئىش تاپالمايۋاتقان رايون تېنچ رايون ئەمەس. خەلقى ھۆكۈمەتكە قارشى گەپ قىلالمىغان رايون تېنچ رايون ئەمەس. ئىبادەت قىلغىنى ئۈچۈن ئادەم تۇتۇلۇۋاتقان يەر تېنچ رايون ئەمەس."
مۇمتاز سويسالنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقنى بوغۇش قانسىز قىرغىنچىلىقتۇر. مۇمتاز سويسالنىڭ بۇ پىكرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىنمۇ توغرا كۆرۈلگەن پىكىر بولۇپ. ب د ت قانسىز قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقارا ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىنى تۈزۈپ چىققان.