خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 20 - مارتتىن ئېتىبارەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن 32 ئىنتېرنېت تور بېكىتىنى ئېچىۋەتكەن ھەمدە يانفون ئارقىلىق يوللىنىدىغان تېكىست يوللانمىسىنىڭ قېتىم سانىغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. خەۋەردە يەنە پۇقرالارنىڭ ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىشىنىڭمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان.
ئەمما رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان 32 تور بېتى ئاساسلىقى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا قاراشلىق ئىدارە - ئورگانلارنىڭ تور بەتلىرى بولۇپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دىيارىم، شەبنەم قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى تېخى ئېچىلمىغان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئېلخەت ئالاقىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ پەقەتلا ئىدارە - ئورگانلارنىڭ ئېلخەت يوللىشى ئۈچۈنلا قىسمەن ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ياخۇ، خوتمائىل قاتارلىق خەلقئارالىق ئېلخەت ئالاقىلىرى تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن ئىكەن.
دىيارىم تور بېتىنىڭ چەتئەللەردىكى ساھىبلىرىدىن بىرى بولغان، دىلمۇرات پەرھات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا دىيارىم، شەبنەم قاتارلىق ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ ھازىرچە ئېچىلىشىدىن ئۈمىد يوقلۇقىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىگە قاراتقان كونتروللۇقنى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دىلمۇرات پەرھات خىتاي خەۋەرلىرىدە دېيىلىۋاتقان، تېلېفوندا تېكىست يوللانمىسى يوللاشقا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، ھازىر ۋەتەن ئىچىدىن سىرتقا تېلېفون ئارقىلىق تېكىست يوللانمىسى يوللاشقا بولمايدىغانلىقىنى، ۋەتەن سىرتىدىنمۇ تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلىغىنى بايان قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئېلېكترونلۇق خەت ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى دوستلىرىغا ئەۋەتكەن ئېلخەتلىرىنى يەنىلا ماڭمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خۇ خەنمىن " قەدەممۇ - قەدەم تېخىمۇ كۆپ ئالاقە مۇلازىمەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئېچىۋېتىدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا تاقىۋېتىلگەن تور بەتلىرىنىڭ ھازىرچە تولۇق ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد ئاز بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھالەتتىمۇ، ئىنتېرنېتقا نىسبەتەن چەكلىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تور ئالاقىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا پەقەت قىسمەن دائىرىدىلا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.