ئۇيغۇر رەسسام ھاشىمجان ' قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى' مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسام ھاشىمجان قۇربانۇف يېقىندا، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايىفنىڭ پەرمانى بىلەن دۆلەتلىك مۇكاپات ھېسابلىنىدىغان " قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى" مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

0:00 / 0:00

قاپاققا سىزىلغان تەسۋىرىي رەسىملىرى بىلەن داڭ چىقارغان رەسسام ھاشىمجاننىڭ مەزكۇر ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.