سامېر فارۇق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بېرىپ، بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىلغان بۇ تەكشۈرۈشتە، ئۇيغۇر ياش ناخشىچى-مۇزىكانتلارنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ تۈرلۈك توسالغۇ-چەكلىمىلەرگە باش ئەگمەستىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
كانادا CBC رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى سامېر فارۇق ناخشا-مۇزىكىنىڭ تارىختىن بېرى، ئۇيغۇرلارغا مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلاپ كەلگەنلىكىنى ۋە سەنئەتنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: بۇ ئۈرۈمچى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى. مۇزىكا ئۇيغۇرلارنىڭ تومۇردا ئېقىۋاتقان ئىسسىق قان-دېمەكتۇر. ئەسىرلەردىن بېرى، ئۇيغۇرلار ساز-نەغمە ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى خەلقىئالەمگە نامايان قىلىپ كەلگەنىدى، دەپ پروگراممىسىنى باشلايدۇ.
ئۇ، 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى توقۇنۇشنىڭ ياش سەنئەتكارلارنىڭ ھاياتىغا سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: 2009-يىلى كۆپ نەرسىلەر ئۆزگەرتتى. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەننىۋا نەرسىلىرىگە قارا-قويۇق زەربە بەردى. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئويۇن قويۇش ۋە ناخشا-مۇزىكا نومۇرلىرى كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنىمۇ چەكلىدى. ئۇيغۇرلارنى مەنىۋى جەھەتتىن بوغۇشقا ئۇرۇندى، دەيدۇ.
سامېر فارۇق ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا، قەدەمدە بىر دېگۈدەك ناخشا پلاستىنكىسى دۇكانلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇ پلاستىنكىلارنىڭ 80% نىڭ ئۇيغۇرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى، 20% نى بولسا تۈرك، ئۆزبېك ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار بۇ پلاستىنكىلاردىكى ناخشا-مۇزىكىلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىچ پۇشۇقىغا مەدەت، دەرد-ھەسرەتلىرىگە تەسەللى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ئاساسىدا، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىۋاتقان ۋە باشقىلار بىلەن رىقابەت قىلىش ئىستىكى يۇقىرى بولغان بۇ ياش ئۇيغۇر ناخشىچى-مۇزىكانتلارنىڭ ئىلھام بۇلىقىنىڭ خىتاينىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ مودا ناخشا-مۇزىكىلىرى بولغانلىقىنى، قىسقىسى ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكا دۇنياسىنىڭ خىتاي پۇرىقىدىن ناھايىتى يىراق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.
سامېر فارۇق بۇ پروگراممىسىدا، ئۇيغۇرچە ناخشىدىن باشقا خىتايچە يېڭىچە ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان تالانتلىق ئۇيغۇر ياش ناخشىچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى، ئەمما بۇ ناخشىچىلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى ئاز دەپ، ئۆز ناخشىلىرىمىز ئېيتماي، خىتايلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتتى، دېگەندەك قورساق كۆپىكى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارغا ياخشى كۆزدە قارىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر سەنئىتىدە ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، دۇنيا بىلەن ئوخشاش قەدەمدە مېڭىش مەسىلىلىرىدە زىددىيەتلەرنىڭ خېلى ئۆتكۈزۈلگىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.
سامېر فارۇق بۇ پروگراممىسىدا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىشتە قاتتىق قول بولغانلىقى سەۋەبىدىن، چېگرادىن ئاتلاپ چىقىپ، تاشقى دۇنيانى ھاياتىدا كۆرۈپ باقمىغان بەزى ياش ناخشىچىلارنىڭ ئېڭىزلارنىڭ، فرانسۇزلارنىڭ ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ غەربنىڭ مۇزىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن بىر بىرىگە كىرىشتۈرۈپ، ئۇنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر سەنئىتىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى، بۇ ياش ناخشىچى-مۇزىكانتلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن خىتاينىڭ قاتتىق قوغدالغان چېگرالىرىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا سەنئەت ئېلېمېنتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
CBC رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى سامېر فارۇق خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇندىن بېرى يولغا قويۇۋاتقان، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر سەنئەت پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمىلىرىنى يەنىلا ئەمەلدىن قالدۇرمىغانلىقى ۋە باشقا بېسىم-يەكلەشلەر تۈپەيلىدىن، تالانتلىق ناخشىچى-مۇزىكانتلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت بازىرىدىن دېگەندەك ئۆز نېسىۋىسىنى ئالالمىغانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقىنىڭ يەنىلا يۈكسەك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ.