ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەسىلىسى

سەنئەت بىلەن سىياسەتنىڭ مۇناسىۋىتى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئاللىقاچان ھەل قىلىنىپ بولغان بىر مەسىلىدۇر. دىكتاتور دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ كومۇنىست دۆلەتلەردە بۇ يەنىلا جىددىي بىر مەسىلە سۈپىتىدە جەمىيەتكە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى غەرب قىممەت قاراشلىرى بويىچە سەنئەتكارلارنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشماسلىقىنى تەشەببۇسى قىلسا؛ يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، سەنئەتكارلارنىڭمۇ سىياسەتكە ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى، ھەتتا ئارىلىشىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەشەببۇس قىلماقتا.

گوللاندىيىدىكى "نىدا" ستۇدىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئاۋاز ئەرتىسى ئابدۇسالام ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ سىياسەتكە ئارىلىشىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارىغۇچى سەنئەتكارلاردىندۇر.

ئۇيغۇرلار ئاسارەتكە چۈشكەندىن بۇيان، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى سىياسەتكە ئارىلىشىپلا ئەمەس، بەلكى سىياسەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە. 1930 ‏- يىللاردىكى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ قوماندانى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تارىخچى ھەم شائىر ئىدى.

2003 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىىتى تەرىپىدىن تېررورچىلار دەپ ئېلان قىلىنغان 11 پائالىيەتچىدىن بىرى يەنى شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مەمتىمىن ھەزرەت ئەسلىدە بىر سىنارىست ئىدى.

مەشھۇر ناخشىچى كۈرەش كۆسەن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغا قەدەر سىياسىي چاقىرىقلىرىنى توختاتمىغان ئىدى. شۇڭا سەنئەتكارلارنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشماسلىق تەشەببۇسى، مۇئاھجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىپ كەلمەكتە.