ئەمما كىچىككىنە يېشىدا جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ بالىلارنى تەربىيىلەش ۋە جەمئىيەتكە ياراملىق بىر ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈش مەسىلىسى پەقەت بۇ بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش بىلەنلا ھەل بولىدىغان بىر ئاددىي ئىش بولمىغانلىقتىن، بۇ جەھەتتە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ بارلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى - 2011 - يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ،خىتاي ئۆلكىلىرىگە سەرگەردان بولۇپ بېرىپ تۈرلۈك قىسمەتلەرگە ئۇچراۋاتقان بالىلارنىڭ بىرىنى قويماي ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن 50 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىدۇ دېيىلىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ خەلق ئىشلىرى ۋە ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى سىياسەت چىقىرىپ، ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان ھازىرغىچە 800 دىن ئارتۇق بالىنى ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرۇپ كەلگەن.
بۇ سەرگەردان بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى يوقلىرى، ياكى جىنايەت گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەندە يېشى كىچىك بولغانلىقتىن ئاتا - ئانىسىنى تونۇپ بېرەلمىگەنلەر مەخسۇس ھازىرلانغان سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاتا - ئانىسى تېپىلغان بالىلار بولسا ئۆز يۇرتلىرىغا ئاتا - ئانىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
ئەينى ۋاقىتتا خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بۇ ھەقتە چىقارغان ئوقتۇرۇشىدىن قارىغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قېتىمقى سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەخسۇس ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلگەن 18 ياشقا توشمىغان، باش پاناھسىز، سەرگەردان بالىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈچ ئايدىن ئۇزۇن سەرگەردان بولغان، ناچار خاھىش ۋە ھەرىكەتلەردە بولغانلىرىنى قورامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش مەركىزىدە بىر مەزگىل تەربىيىلەش، سەرگەردان بولغىنىغا ئۈچ ئاي توشمىغانلىرىنى ئۆز تەۋەلىكىدىكى قۇتقۇزۇش تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بۇ بالىلارنىڭ بارلىق ئۆسۈپ يېتىلىش، تەربىيىلىنىش چىقىملىرىنى دۆلەت ئۈستىگە ئېلىش، 16 ياشقا توشقانلىرىغا كەسپىي تەربىيىلەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن مۇۋاپىق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، سەرگەردان بالىلارنىڭ ئىچىدە يەنە كېسەل ۋە ياكى مېيىپ بولغانلىرىغا داۋالىنىش شارائىتى يارىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
دەرۋەقە، كىچىككىنە يېشىدا ئۆيىدىن ئايرىلىپ، جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ ئىشلىرىغا سېلىنغان بۇ بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش بىلەنلا مەسىلە ھەل بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەخسۇس ئىچكىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن سەرگەردان بالىلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بەرگەن ۋەكىللەرنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر ئىچكىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن بالىلارنى تەربىيىلەش مەسىلىسىدە نۇرغۇن رىقابەتلەرگە ئۇچرىماقتا ئىكەن. مەسىلەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئاتا - ئانىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بالىلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلىرى نامرات، ساپاسىز كىشىلەر بولغانلىقتىن بالىلارنى توغرا يېتەكلەشنى بىلەلمەسلىك، ئائىلىلىرىگە قايتۇرۇلغان بالىلار ئىللىق ئائىلە مېھرىنى ھېس قىلالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. بۇنىڭدىن سىرت، بالىلار پىسخىكا جەھەتتىن ۋە مەدەنىيەت سەۋىيە جەھەتتىن باشقا بالىلاردىن پەرقلىق بولغاچقا، بۇ بالىلاردا ئۆزىنى - ئۆزى ئەيىبلەش، تۆۋەن كۆرۈش، مەكتەپكە بېرىشنى خالىماسلىق، مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ مەكتەپتىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا قېچىپ كېتىش ياكى مەكتەپتە قالايمىقانچىلىق چىقىرىشقا ئوخشاش ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈش ۋە شۇڭا مەكتەپلەرنىڭ بۇ خىل بالىلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىماسلىقتەك ئەھۋاللار نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق رىقابەتلەر ئىكەن.
ئىچكىرىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىرلىكتە بۇ بالىلارنى تەربىيىلەش مەسىلىسىمۇ ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيتى بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى يارپ زەھەر تاشلاش ۋە ئەيدىزدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى ئەخمەت ئەپەندى ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇ بالىلارنى تەربىيىلەپ، جەمئىيەتنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ بالىلارنى ئۆزگەرتىشكە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ ئۇنداق تېز ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 10 يىلدىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىگە كىرىپ كەتكەن بۇنداق بالىلاردىن 3000 گە يېېقىن بالىنى قايتۇرۇپ ئەكەلگەن بولسىمۇ، ئەمما 2008 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالداپ كېتىلگەن ياكى سېتىۋېتىلگەن بۇنداق بالىلارنىڭ سانى ئۆرلەپ بارغان. نۆۋەتتە بۇ بالىلارنىڭ سانى30 - مىڭدىن 50 - مىڭغىچە ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىلەرگە ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەپ كېتىلىپ، سەرگەردانلىقتا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ سانىنىڭ بۇنداق جىق بولۇشى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ چۈچۈتىدۇ. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولسا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نامراتلىق، ئىشسىزلىق ۋە ھەرخىل بېسىملار ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي شەھەرلىرىدە سەرگەردان بولۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل، دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ خىل ئەھۋالنى تۈپتىن يوقىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدا خاتىرجەم، باياشات ياشاش، ئىشلەش شارائىتىغا ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.