خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەرگەردان بالىلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرۇپ كېلىش پىلانى تۈرلۈك رىقابەتكە ئۇچرىماقتا

خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بالىلارنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن 50 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.05.12
sergerdan-bala-305.jpg بېيجىڭ كوچىسىدا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بالا. 2006-يىلى 19-سېنتەبىر.
AFP

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا ئادىلجان ئىسىملىك 10 ياشلىق بىر سەرگەردان بالا تۇنجى نۆۋەت قايتۇرۇپ كېلىنگەن. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇ سەرگەردان بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلەردىن يۇرتىغا قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە سەرگەردان بولۇپ بېرىپ تۈرلۈك قىسمەتلەرگە ئۇچراۋاتقان بالىلارنىڭ بىرىنى قويماي ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىدۇ دېيىلىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ خەلق ئىشلىرى ۋە ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش باشلىغان.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 12-مايدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇر بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىش توغرىلىق مەخسۇس سىياسەت چىقىرىپ ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى جايلاردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن سەرگەردان بالىلار سانى 52 نەپەرگە يەتكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،نۆۋەتتە سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان بالىلار ئۈچۈن 1000 دانە كارىۋات ھازىرلىغان.
ئەمما سۇمۇرغ تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارماقلىرى ھەر يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 3000 گە يېقىن سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ئۆلكىلەرگە ئالداپ ياكى سېتىلىپ كېتىۋاتقان بالىلار سانى تۈرلۈك سەۋەبلەردىن 2008-يىلىدىن بۇيان تېخىمۇ ئېشىپ بارغان.ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى خىتايدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان تۇيغۇنجان ئىسىملىك ساقچىنىڭ سۇمۇرغ تورى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىن كېتىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قورۇمىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ سانىنى 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە مۆلچەرلەشكە بولىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئاخباراتلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، جىنايەت گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆيدىن ئايرىلغاندا يېشى كىچىك بولغاچقا ۋە ئۆيىنىڭ ئادرېسى، بەزىلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسىم فامىلىلىرىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كەلگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىگە ئاتا‏-ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتۇرۇش رىقابەتلىك بىر مەسىلە بولماقتا. خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرگەردان بولۇۋاتقىنىغا بىر نەچچە يىل بولغان يەنە بەزى بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلىگەن تەقدىردىمۇ بۇ بالىلارنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا بالىلارنى يىتتۈرگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بەزىلىرى پەرزەنتىنى قايتا تېپىش ئۈمىدىنىمۇ يوقاتقانلىقتىن، داۋاملىق بالىلىرىنى سۈرۈشتە قىلمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن. بۇ خىل قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلار، سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىنى يۇرتىغا قايتۇرۇش پىلانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىدىكىدەك نۇقسانسىز ۋە تەلتۆكۈس ئىشقا ئېشىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە بالىسىنى يىتتۈرگەن بىر ئانا بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمىزدە، بىر قانچە يىلدىن بۇيان مىڭ قېتىملاپ قايتىلانغان ئۈمىدلىنىش-ئۈمىدسىزلىنىشلەردىن كېيىن بۇ ئانىنىڭ چارچىغانلىقى ۋە بالىسىنىڭ ساق قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلىكى ئىپادىلەندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا بۈگۈن خىتاي ئاخبارات ساھەسىگە يەنە «شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىدىن بىرنى بايقىساق بىرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە بار بولغان 15 سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئورنى ئاساسىدا يەنە 50 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ يېڭىدىن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە تەربىيىلەش ئورنى قۇرماقچى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخباراتلىرىدا 11-ماي كۈنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن سەرگەردان بالىلارنىڭ ئائىلىسىگە قايتالمايدىغانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئېلان قىلدى.

خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قېتىمقى سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەخسۇس ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلگەن 18 ياشقا توشمىغان، باش پاناھسىز، سەرگەردان بالىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈچ ئايدىن ئۇزۇن سەرگەردان بولغان، ناچار خاھىش ۋە ھەرىكەتلەردە بولغانلىرىنى قورۇمىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش مەركىزىدە بىر مەزگىل تەربىيىلەش، سەرگەردان بولغىنىغا ئۈچ ئاي توشمىغانلىرىنى ئۆز تەۋەلىكىدىكى قۇتقۇزۇش تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بۇ بالىلارنىڭ بارلىق ئۆسۈپ يېتىلىش، تەربىيىلىنىش چىقىملىرىنى دۆلەت ئۈستىگە ئېلىش، 16 ياشقا توشقانلىرىغا كەسپىي تەربىيىلەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن مۇۋاپىق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، سەرگەردان بالىلارنىڭ ئىچىدە يەنە كېسەل ۋە ياكى مېيىپ بولغانلىرىغا داۋالىنىش شارائىتى يارىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يارپ زەھەر تاشلاش ۋە ئەيدىزدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بىر خىزمەت بولۇپلا قالماي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن قاتتىق خورلۇققا، نورمال ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان قورۇمىغا يەتمىگەن بەختسىز سەرگەردان بالىلارغا مۇۋاپىق پسىخىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش ۋە مۇھەببەت ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يارىلانغان قەلبىنى داۋالاش، بالىلار ئۈچۈنلا ئەمەس جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زۆرۈر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.