شۋېتسىيە مەتبۇئاتلىرى ۋەقەدىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئالغا سۈرۈشىچە، ستوكھولم رايونلۇق تۆۋەن سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 3 - ئايدا بابۇرنى 16 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۇ تۆۋەن سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، ستوكھولم شۋېتسىيە ئەرزىيەت ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئەرز سۇنغان.
ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سوت بابۇرنىڭ ئەرزىگە ئاساسەن ئېچىلغان بولۇپ، ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قاماق جازاسىنىڭ ئۇزارتىلىشى بابۇرنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىققان. قاماق جازاسىنىڭ ئۇزارتىلىشى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
تەپتىش ئورگانلىرى بابۇر ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزغاندا ئۇنىڭغا 4 يىللىق قاماق جازاسىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۋېتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆججەتلىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى بابۇرنىڭ ھەرىكىتى نوقۇل ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى خىتايغا يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يەنە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى زور، دەپ قارىغان.
نۆۋەتتە ئەرزىيەت سوتىنىڭ قارارىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈم ئىكەنلىكى ياكى بابۇرنىڭ يەنە بىر دەرىجىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بابۇرنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئەرز قىلىشقا جۈرئەت قىلىش- قىلماسلىقى باشقا بىر مەسىلە ئىكەن.
شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرزىيەت ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى ئاخىرقى قارارى بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش پۇرسىتى بولماسلىقى مۇمكىن. ماھىنۇر خانىم ئەمدىكى مەسىلە بابۇرنىڭ قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بابۇر مەخسۇت 2009 - يىلى 5 - ئايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكىدا چاقىرىلغان 4 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، شۋېتسىيىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا ئېلىنغان ئىدى.
شۋېتسىيە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بابۇر خىتاينىڭ شۋېتسىيە ئەلچىخانىسىنى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇرى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ساياھەت، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە كۆچمەنلىك سالاھىيىتىگە دائىر ئۇچۇرغا بىلەن تەمىنلىگەن. شۋېتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر دېلو دائىر سوت ماتېرىياللىرىدا بابۇرنىڭ ئۇچۇر توپلاش ئوبيېكتى ئاساسلىقى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل قاراقاش، شۋېتسىيىدە پاناھلىنىۋاتقان سابىق گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرىدىن ئادىل ئابلىكىم، ياۋروپا ياشايدىغان ئۇيغۇر زاتلىرىدىن ئاتاخان ئابدۇغېنى د ئۇ ق رەئىسى دىلشات رىشىت قاتارلىق كىشىلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
لېكىن، بابۇر خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئارىسىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىغان "ئەلچى" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، سوت مەھكىمىسى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى يوللۇق، دەپ قاراپ، ئۇنى 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۇ، بۇ جەرياندا 2 ئاي تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقتىن قاماق جازاسى 16 ئايغا قىسقارتىلغان ئىدى.
بۇ قېتىم ئەرزىيەت ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ قاماق جازاسىنى ئۇزارتىپ 2 يىلغا چىقارغان بولۇپ، بۇرۇنقى 2 ئاي تۈرمىدە ياتقان ۋاقتىنى نەزەرگە تۇتۇپ، ئومۇمى قاماق جازا مۇددىتىنى 22 ئايغا چۈشۈرگەن.
بابۇر جاسۇسلۇق دېلوسى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، شۋېتسىيە تەپتىش دائىرىلىرى بۇ دېلوغا ناھايىتى جىددىي مۇئامىلە قىلغان. ئەرزىيەت سوتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ھۆكۈمىتىدىن كېيىن، تەپتىش ئەمەلدارى توماس لىندىستران مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، بابۇرغا 4 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ جازاسىنىڭ 6 ئاي ئۇزارتىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بابۇر جاسۇسلۇق دېلوسى شۋېتسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىك سۈركىلىش پەيدا قىلىپ، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق بىر خىتاي ئەلچىخانا خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۋېتسىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئۆچ ئېچىپ، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بىر نەپەر شۋېتسىيە دىپلوماتىك خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان.
بابۇر جاسۇسلۇق ۋەقەسى شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلاردا جۈملىدىن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىم، شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بابۇر مەخسۇتنىڭ 2009 - يىلى 6 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ، شۋېتسىيە ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭ قاماق جازاسىنى ئۇزارتقانغىچە بولغان بۇ جەريانغا بىر يىل 3 ئاي ۋاقىت كەتتى.
شۋېتسىيە تەپتىش ئەمەلدارى لىندىستراننىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر دېلونىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغا چېتىلىدىغان ئالاھىدە بىر دېلو ئىكەنلىكى، بۇ دېلوغا پۇل ۋە جاسۇسلۇق ئامىلى بىر بىرگە گىرەلىشىپ كەتكەنلىكتىن ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شۋېتسىيە رايونلۇق تۆۋەن سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى چىقارغان قارارىدا ئەسكەرتىپ، "مەزكۇر جاسۇسلۇق ۋەقەسى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمايدىغان بىر دۆلەتكە خىزمەت قىلغانلىقتىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى نەزەردە تۇتقاندا پەۋقۇلئاددە ئېغىر جىنايەتتۇر" دېگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.