تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە نېمە ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ تۈركىيە بىلەن خىتاي دوست بولسا ئۇيغۇرلارغا نېمە پايدىسى بار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سادىق ياقۇت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
"تۈركىيە پارلامېنتىنى داۋاملىق ھالدا خىتاي ھەيئەتلەر زىيارەت قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟" دېگەن سوئالىمىزغا سادىق ياقۇت ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
" بىز ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، يەنى، 2002 - يىلىدىن بېرى تۈركىيە پارلامېنتىمۇ تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن رەئىسىمىز مەمەت ئالىي شاھىنمۇ داۋاملىق ھالدا چەت دۆلەتلەرگە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى تۈركىيىگە تەكلىپ قىلىۋاتىمىز".
"ھۆرمەتلىك سادىق ياقۇت ئەپەندى ئۇلارنى تەكلىپ قىلىپ كېلىپ كونكرېت نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر؟" دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
"ھەر قايسى دۆلەتلەرگە كۆرە ئوخشىمايدۇ، بىز تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە ئىنسان تەربىيىلەپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى تەكلىپ قىلىۋاتىمىز. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى پارلامېنتلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرگە كۇرس ئېچىپ ئىنسان يېتىشتۈرۈۋاتىمىز. ئەمما، خىتايدىن ھەيئەتلەرنىڭ پارلامېنتىمىزغا كېلىشى پەقەتلا خەلقئارا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن خىتايدىن كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى ھەيئەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەتقىقات مەركىزى مەسئۇللىرى ئىدى. بىز ئۇلار بىلەن ئۇچراشقاندا تۈركىيە، خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغاندىن باشقا، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. بىز ئۇلارغا، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە، ئەركىن ياشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمىزنى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتۇق. بىز بۇلارنى خىتايلارغا داۋاملىق ھالدا تەكىتلەۋاتىمىز."
"ھۆرمەتلىك سادىق ياقۇت ئەپەندى سىز ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرگەچكە خىتايغا بۇلارنى دەۋاتامسىز ياكى سىز تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تۈركىيە دۆلىتىگە ۋاكالىتەن بۇ باياناتنى بېرىۋاتامسىز؟" دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
" ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارغا بولغان سۆيگۈ ھېسسىياتىمىزمۇ بار. ئەمما، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت. تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى، ھازىرقى ھۆكۈمەت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى تاشقى سىياسىتىمىز قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت."
"ھۆرمەتلىك سادىق ياقۇت ئەپەندى ئۆتكەن يىلى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدى، بۇ يىل تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ قەشقەرگىچە باردى، باياناتلار بەردى، بۇ ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلدى. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ، ئەمما بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدە بىر ئۆزگىرىش يوق. خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇقۇڭلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاچان پايدىسى تېگەر؟" دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
"خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە بۈگۈن كۆرۈشۈپ ئەتىسىلا نەتىجە ئالغىلى بولمايدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، خۇدا بۇيرۇسا بۇنىڭ پايدىسىنىمۇ كۆرىمىز. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۈرۈمچىدە سانائەت رايونى قۇرىمىز. بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بار. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى بەك ياخشى كۆرىمىز. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە داۋام قىلىمىز."