ئۇيغۇرلار سىياسەت ئۆگىنىش بىلەن، خىتايلار بايلىق توپلاش بىلەن ئاۋارە

13-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «ئۈچنى ئۆگىنىش، ئۈچنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى بولغان تەڭرىتاغ تورى ۋە خەلق تورىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشقا تىرىشىش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار 13-ئىيۇل بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشقا تىرىشىشتا «ئۈچنى ئۆگىنىش، ئۈچنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ يەردە تەكىتلەنگەن «ئۈچنى ئۆگىنىش» دېگىنى: نەزەرىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشنى ئۆگىنىش، ئىلغار ۋە مۇنەۋۋەرلەردىن ئۆگىنىش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىش دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن. «ئۈچنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگىنى: تۈرلۈك خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيىلىك كادىرلار قوشۇنىنىڭ نېگىزلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئۈچنى ئۆگىنىش، ئۈچنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى كەڭ قانات يايدۇرۇشنىڭ داغدۇغىسى ھەممە يەرنى قاپلىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تارىختىن بۇيان شەكلى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ مەزمۇنى بىر خىللا بولغان بۇ ئۆگىنىش تېمىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى روھى جەھەتتىن سىقىش، ئۇلارغا ئارام ئالغۇدەك پۇرسەت بەرمەسلىك، ئۇلارنىڭ ئۈنىنى چىقارغۇدەك ھالىنى قويماسلىق ئۈچۈن بۇ پائالىيەتلەرگە مەھبۇرلىماقتا ئىكەن.

«ۋەتەندىكىلەر بىلەن سۆزلەشكەنلەر بىلىدۇ. ھازىر ھەممە يەردە ئۆگىنىش، ئۆگىنىش، يەنە ئۆگىنىش دېگەندەك، ئۇيغۇرلار ئۆگىنىشتىن باش كۆتۈرەلمەيۋاتىدۇ. ئۆگىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئاخىرى يوق. ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىدىن تارتىپ، ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ قايتقان بىچارە دېھقانلىرىمىزغىچە ئۆگىنىش بىلەن بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئۆگىنىشلەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇھىم بىلىش، خىتايلارنى ياخشى كۆرۈش، مۇقىملىقنى ھەممىدىن مۇھىم خىزمەت قىلىش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇلاردىن ئۈزۈل-كېسىل چەك-چىگرا ئاجرىتىش دېگەنلەر بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ ئۆگىنىش بىلەن ئاۋارە قىلىنىۋاتقان چاغلاردا، خىتايلار پۇل تېپىپ يانچۇقىنى توملاش بىلەن مەشغۇل. بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار سىياسەت ئۆگىنىش بىلەن، خىتايلار بايلىق توپلاش بىلەن ئاۋارە. تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجياڭدا ھالقىما تەرەققىيات ياراتماقچى بولغان 19 ئۆلكىدىن كەلگەن خىتايلار ئۇيغۇر رايونىنىڭ بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىش بىلەن ئاۋارە.»

ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىم، بولۇپمۇ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆگىنىشسىز ئۆتكەن كۈنلىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۆگىنىشلەر ئارقىلىق، ئاللىبۇرۇن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ بولغان ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تېرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«خىتاي ھازىر ھەر دەرىجىلىك ئۆگىنىش ئۆلگىلىرىنى يارىتىپ چىقىپ، ئۇلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن مۇكاپاتلاپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. بۇ ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئالىمجانغا ئوخشاش خىتايغا ياردەم قىلغان كاۋاپچىلار، بەزىلىرى خىتاي يېتىم بالىلىرىنى بېقىۋالغان كوممۇنىست ئۇيغۇرلار، يەنە بەزىلىرى خىتاي ئىشلەمچىلەرگە يەر بەرگەن، ئۇلارنىڭ بېيىشى ئۈچۈن ياردەم قىلغان دېھقانلار، يەنە بەزىلىرى بولسا پارتىيە-ھۆكۈمەتنى مەدھىيىلەشتە كۆزگە كۆرۈڭەن زىيالىيلار بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ۋەتىنىڭ ھەممىلا يەرلىرىدە بۇنداق ئاكتىپ قىزىلپاچاق ئۈلگىلەر تىكلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئەكسىچە، ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلار تۈركۈملەپ تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلە-تەۋابىئاتلىرى يېتىم قالدۇرۇلۇۋاتىدۇ. ھازىر ۋەتىنىمىزدە مۇقىملىقتىن مۇھىم خىزمەت يوق. ئۈچ خىل كۈچلەردىن ئەسكى دۈشمەن يوق.»