خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانىنى يولغا قويدى

بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 280 مىڭ ستۇدېنتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلغان.

0:00 / 0:00

پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 16 خىل تەدبىر يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ تەربىيىلەش ئىكەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا بۇ سىياسەتكە گۇمان بىلەن قارىماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ياش قىزلارنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەم 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ سىياسىتىنى توختىتىش تۈگۈل، قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، ئەمدىلىكتە نىشاننى ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنى يۆتكەشكە قارىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

سەيشەنبە كۈنى تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان مىللىي ياشلارنى ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىشكە بېكىتىلگەن 19 شەھەر، ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيىلەش سىياسىتىنى يولغا قويغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئىچكىرىدە تەربىيىلىنىشكە بارىدىغان ستۇدېنتلار يېرىقچە ئىمتىھانغا قاتنىشىش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە 7 كۈن داۋام قىلىدىغان ھەربىي مەشىق ئارقىلىق تاللىنىپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىچكىرىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنلارغا بېرىپ بولىدىكەن. ئەمما،خەۋەردە بۇ ياشلارنىڭ تەربىيىلىنىش مۇددىتىنىڭ زادى قانچىلىكلىكى، قايسى تۈرلەر بويىچە قانداق بىر تەربىيە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن، ئەمما خەۋەردە ستۇدېنتلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى مەلۇماتلارنى ئىگىلەپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ، ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىشقا تەييار بولغان بالىلارنى يەنە تەربىيىلەش ئۈچۈن ئىچكىرىگە ئېلىپ بېرىشنىڭ تولىمۇ غەلىتە ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پىلانغا ئاساسەن خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىن ئىچكىرىگە بېرىپ تەربىيىلىنىدىغان تۇنجى تۈركۈم ستۇدېنتلار تاللىنىپ بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەندىن 369، قەشقەردىن بىر مىڭ 476 ۋە غۇلجىدىن 3 مىڭ 500 ستۇدېنت دەسلەپكى قەدەمدە تاللانغان بولۇپ، ئۇلار بېيجىڭ شەھرى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىكى يىللاردا «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچە يېزىلاردىكى ياش ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنى ئىچكىرىلەردىكى زاۋۇتلارغا ئەۋەتكەن بولسا، ئەمدىلىكتە ستۇدېنت ياشلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش ھەرىكىتىنى باشلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

دەرۋەقە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شۇنداقلا جەمئىيەتتە ئىشسىز يۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاساسلىق كۈچنى تەشكىل قىلغان بولۇشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلغان سۆزىدىمۇ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، بۇندىن كېيىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى نۇقتىلىق ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئاساسلىق ئىشسىزلىق مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ قارىغانلىقتىن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلاردىكى نارازىلىقنى پەسەيتىش، ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈم-تۈركۈملەپ يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش، مىللىي تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئاستا-ئاستا جىمىقتۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئەمما، جان بېقىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە قالغان ئۇيغۇرلار بولسا، بۇ پىلانلاردىن خەۋەرسىزدەك كۆرۈنمەكتە. بىز بۈگۈن خوتەنگە تېلېفون قىلىپ، خوتەندىكى ستۇدېنتلارنىڭ ئىچكىرىدە تەربىيىلىنىش ئۈچۈن يۆتكىلىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئايال ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما ھازىر خوتەندە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئاسانلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.