«ئۇيغۇربىز» تور بېكىتى 26-ئاپرېل ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى راي سىناش، خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ستۇدېنتلار ئارىسىدا 3 ئاي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 8000 خەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى تەييارلىغان.
دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان 303 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئانكىت ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى تاللاش يولى ھەم كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بولغان پوزىتسىيىسىنى سىنىغان.
ئانكىت ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن233 نەپىرى سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 32 نەپىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچى، 29 نەپىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئىش ئىزدەۋاتقان ياكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئوقۇغۇچىلار، 135 نەپىرى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ 2-يىللىقىدىن يۇقىرى سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ستۇدېنتلار، 11 نەپىرى دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان، 16 نەپىرى چەتئەل تىلىنى پىششىقلاۋاتقانلار ئىكەن. راي سىناشنى قوبۇل قىلغانلاردىن 91 نەپىرى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، 8 نەپىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە قېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى، قالغان 134 نەپىرى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى قارار قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 90% تى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالغا ئۈمىدسىز قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. راي سىناشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن 51% ئەگەر كەلگۈسىدە پۇرسەت بولسا چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
82.3% ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق مىللىي كىملىكىنىڭ خىزمەت تېپىشىغا توسالغۇلۇق قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. 81% ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرخىل بايلىقلارنى ئېچىش، تەرەققىيات قۇرۇلۇشلىرىدا ئۇيغۇرلار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا دەپ قارالغىنى، ھەتتا بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئۈمىدسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 88.3%
ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىقتىدار ياكى ئائىلە شارائىتى سەۋەبىدىن خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسە بۇنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما مىللىي كىملىكى ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبىدىن خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسە بۇنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز بۈگۈن ئوقۇش ھەم خىزمەت پۇرسىتى ئىزدەپ ئۆز خىراجىتى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ھەم خىزمەت پۇرسىتى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دورىگەرلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەن، يەسلىدىن باشلاپ خىتاي تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان بىر قىز ئۆزىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت تاپالمىغىنى ئۈچۈن، چەتئەلگە چىقىپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ قىز ئۇلارنىڭ سىنىپىدىكى دورىگەرلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى خىزمەت تاپقان شارائىت ئاستىدا، ئۆزىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر بولغىنى ئۈچۈنلا خىزمەت تاپالماي ئائىلىسىدە بىر يىل قالغانلىقىنى، ئاخىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئۇنى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقارغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مىللىي كەمسىتىشنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 1-يىللىقىنى تېخى تاماملىمايلا 20 يېشىدا، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكىغا كەلگەن يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر قىزى، ئامېرىكىدىكى جاپالىق شارائىتتا ھەممە ئىشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن ھالەتتىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە ئۆزىگە ئوخشاش 20 ياش ھەتتا 17-18 ياشلىق بالىلارنىڭ ۋەتەندە كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئۈمىد بولمىغىنى ئۈچۈن، چەتئەلگە چىقىش يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ قىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى شارائىت بىلەن ئامېرىكىدىكى شارائىتنى سېلىشتۇرۇپ، گەرچە بۇ يەردە ئاتا-ئانىسى ھەم ئازادە ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىلىپ، يالغۇز ھالەتتە جاپالىق ياشاشقا مەجبۇر بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا كەلگۈسى ئىستىقبالىنى يارىتىش پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ياشلىرى خىزمەت پۇرسىتىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقان شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامى ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ياشلىرىنى ھەرخىل ناملار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرماقتا ئىدى.