ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئەڭ ئاۋات ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان، پويىز ئىستانسىسى يېنىدىكى مەيداندا چېدىر قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ‏- ئۆرۈپ ‏- ئادەتلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت 2010 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنىدىن 30 ‏- كۈنىگىچە 3 كۈنلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يەنە بىر ھەپتە داۋام قىلىش قارار قىلىنغان.

بۇ پائالىيەتتە ئاساسلىقى كىيىم - كېچەكلەر، ئۇيغۇر تائاملىرىدىن، لەغمەن، مانتا، سامسا، پولۇ، لەڭپۇڭ، پېچىنە ‏- پىرەنىك قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرى قويۇلغان بولۇپ، بۇلار ئەرزان باھادا سېتىلغان.

بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللار ھەمكارلىشىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆيلىرىدە ئۇيغۇرچە تائاملارنى پىشۇرۇپ ئەكىلىپ بەرگەن.

چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى دېگەن چوڭ خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبە باشلىقى مۆمىنجان ۋە ئاياللار بۆلۈمى باشلىقى مۇنەۋۋەر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.