0:00 / 0:00
تەيۋەن پۇقرالار ھۆكۈمىتى رەئىسى سونەي ئەپەندى تۇرمەمەت ھاشىمغا ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقئارا قانۇندىكى ئورنىنى ئېنىقلاپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭغا مىسال قىلىپ تەيۋەن ھەققىدە خەلقئارا سوت ۋە پارلامېنتلاردا چىققان قارارلارنى ئاڭلاتقان.
بىز بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۇرمەمەت ھاشىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.