بۇرۇن ئۇيغۇر تاماقلىرى پەقەتلا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىلا ياخشى تونۇلغان بولسا، ھازىر ياۋروپا، كانادا، تۈركىيە ۋە ئامېرىكىدىمۇ ئاستا - ئاستا تونۇلۇشقا باشلاندى. ئۇيغۇر تاماقلىرى بىر ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىنىڭ چانقايا رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق يېمەك - ئىچمەكلەر يەرمەنكىسىدە كۆرسىتىلمەكتە.
بۇ يەرمەنكىگە ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ئىران، تايلاند، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشماقتا بولۇپ، ھەممە دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ مىللى تاماقلىرىنى ساتماقتا. ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللاھ ئاقيول ئىسىملىك كىشى، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە بۇ يەرمەنكىگە قاتناشماقتا بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پولۇ، مانتا، چۆچۈرە، يۇتازا ۋە كاۋاپ قاتارلىق يېمەكلىرىنى ساتماقتا.
ھەر كۈنى يۈزلەرچە كىشى ئۇيغۇر تامىقى تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان بۆلۈمگە كېلىپ، ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ تەمىنى تېتىۋاتقان بولۇپ، بىر قېتىم يېگەن كىشى ئەتىسى كۈنى يەنە كېلىپ يەۋېتىپتۇ. بىز بۇ يەرمەنكىدە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتقان ئابدۇللاھ ئاقيول، ۋە ئۇيغۇر تامىقى يەۋاتقان خېرىدارلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۇيغۇر تامىقىنىڭ بەكلا تەملىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى.
قىممەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئەنقەرەنىڭ چانقايا رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان خەلقئارالىق يېمەك - ئىچمەك يەرمەنكىسى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.