خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش سۇيىقەستى داۋام قىلماقتا
2012.09.19
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي زىيالىيلىرى «شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنىڭ باش-ئاخىرى»، «پانتۈركىزملىق مەدەنىيەتنى ئېچىپ بېرىش»، «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىكىنىڭ مەنبەسى ۋە تەرەققىياتى»، «بۈگۈنكى دەۋر شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئىدېئولوگىيە ئانالىزى» دېگەندەك ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر تارىخىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەسلى ئىرادىسىنى بۇرمىلاپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەۋەلىكىنىمۇ بۇرمىلاپ، ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قان ئورتاقلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان سەپسەتىلەرنى بازارغا سالماقتا.
يېقىندا، خىتاي زىيالىيسى شۈ تاۋ تەرىپىدىن يېزىلغان «بۈگۈنكى دەۋر شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئىدېئولوگىيە ئانالىزى» ناملىق ئەسەر بۇنىڭ بىر مىسالى بولۇپ، ئەسەردە غەربتىكى ئاز سانلىق تۈركولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخى، تىلى، مەدەنىيىتىدىكى ئورتاقلىقنى كۆپتۈرۈۋەتمىگەن بولسا، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۆزىنى تۈركىي مىللەتلەر تۈركۈمىگە تەۋە ئەمەس، بەلكى خىتاي چوڭ ئائىلىسىگە تەۋە ئىنسانلار، دەپ ياشاۋېرەتتى، خىتاي بىلەن دۈشمەنلەشمەيتتى ياكى مىللىي قۇتۇپ ئايرىمايتتى، مۇستەقىللىق دەۋاسىمۇ قىلمايتتى... دېمەكچى بولىدۇ.
د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەۋەلىكى توغرىسىدا سەپسەتە توقۇش ئىشىنىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە باشلانغان يېڭى ئىش ئەمەسلىكىنى، خىتاي زىيالىيلىرى بىلەن ئۈچ ئەپەندىلەر، يەنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مەسئۇد سابىرى بايقۇزىلار ئارىسىدىمۇ ئۆز زامانىدا بۇ توغرىسىدا كەسكىن قەلەم كۈرىشى بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يەنە، خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان سىياسىي مەۋقەلىرىگە بېقىپ تارىخنى بۇرمىلاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بەزى خىتاي زىيالىيلىرى، دۇنيا ئالىملىرىنىڭ «پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يىلتىزى بىر» دېگەن قارىشىغا تۈپتىن قارشى بولۇپ، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي ئالىملىرى ئەزەلدىن تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى داۋاملىق رەۋىشتە بۇرمىلاپ كەلدى. بۇنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، ياپون پروفېسسورى ماسسادو خاسائۇ 1970-يىلى ئۇزۇن تەتقىقاتلاردىن كېيىن «تەڭرىتاغلىرىنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىسى» ناملىق بىر كىتاب يېزىپ چىقىدۇ. ياپون ئالىمى بۇ كىتابىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ياپون ئالىمىنىڭ بۇ ئىلمىي تەتقىقاتىغا چىدىمىغان خىتاي ئالىمى چىن چۇنمۇ، ياپون ئالىمىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمايلا ئۇنىڭ يازغان كىتابىنى ئۆزىچە تەھرىرلەپ يېڭىدىن يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ھال يالغۇز ياپونىيىدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ خىتاي ئىلىملىرىگە قارشى قاتتىق نارازىلىق قوزغايدۇ. بۈگۈنكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق ئالغا سۈرگەن ئىدىيىلىرىمۇ مانا مۇشۇ بۇرمىلاشلارنىڭ تىپىك بىر مىسالى. دۇنيادىكى پۈتۈن تۈركولوگ ئالىملار تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنىڭ يىلتىزىنىڭ بىر بولغانلىقىنى ئاللىقاچان ئىلمىي پاكىتلارغا تايىنىپ ئىسپاتلاپ بولدى. ئەمما خىتاي ئالىملىرى، بۇرۇن بولغىنىدەك، ھازىرمۇ بۇ پاكىتلارنى سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن ئىنكار قىلىپ، بۇرمىلاشقا تىرىشماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، مەشھۇر گېرمان ئۇيغۇرشۇناسى ئاننا مارىيە ۋون گابائىن خانىم «قاراغوجا ئۇيغۇر خاقانلىقىدىكى كۈندىلىك ھايات» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «... خىتاي داۋاملىق رەۋىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىپ كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق يازغانلىرىغا بىر ئىلمىي ئاساستا قاراش مۇمكىن ئەمەس...»
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىزنىڭ «بەزى خىتاي زىيالىيلىرى بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى گەرچە تىل جەھەتتە ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولسىمۇ، بىراق مىللەت مەنبەسى جەھەتتە قەدىمكى تۈركلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىياغا تارقالغان باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن گەرچە تىل جەھەتتە ئوخشاشلىقى بولسىمۇ، بىراق ئورتاق يېزىق تىلى يوق، كېيىنكى پانتۈركىزمچىلار دېگەندەك تۈرك مىللىي ئېڭى تېخىمۇ يوق، دېگەن.
سىزنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قارىشىڭىز قانداق؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
-قەدىمكى خىتاي مىللىتى بىلەن بۈگۈنكى خىتاي مىللىتى، قەدىمكى سلاۋىيان مىللىتى بىلەن بۈگۈنكى سلاۋىيان مىللىتى، قەدىمكى گېرمانلار بىلەن بۈگۈنكى ئالمانلار ئارىسىدا قانچىلىك ئالاقە بولغان بولسا، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر مىللەت سۈپىتىدە قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر بىلەن شۇنچىلىك ئالاقىسى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت تىل جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى مىللەت مەنبەسى جەھەتتىنمۇ قەدىمكى تۈركلەر بىلەن ناھايىتى يېقىن ئالاقىسى بار. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ مەركىزى ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن بىللە ياشاپ كەلدى، بۇ مىللەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىمپېرىيىلەردە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى، بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە يېزىقىغا زور ھەسسىلەر قوشتى. مەسىلەن؛ 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان گېرمان ساياھەتچىسى ۋە ئارخېئولوگ ئالبېرت ۋون لېكوك، ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە يېزىقىغا زور ھەسسە قوشقانلىقىنى يازىدۇ. ستالىن 1913-يىلى يازغان «ماركسىزم ۋە مىللەتلەر مەسىلىسى» دېگەن كىتابىدا مىللەتنى مۇنداق دەپ تەرىپلەيدۇ: «ئورتاق بىر تارىخ، مەدەنىيەت، تىل، تېررىتورىيە ۋە ئىقتىسادقا ئىگە بولغان بىر خەلق، بىر مىللەت بولۇپ سانىلىدۇ.» بۇ بايانغا كۆرە، تۈركىي تىللىق خەلقلەرمۇ بىر مىللەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ مىللەتلەرنىڭ مەركىزى ئاسىيادا ئورتاق بىر تېررىتورىيىسى، تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە باقمىچىلىق، تىجارەت ھەم دېھقانچىلىققا تايانغان بىر ئىقتىسادى بولغان. بۇ تېررىتورىيىگە قەدىمكى ئىرانلىقلار «تۈركىستان» يەنى «تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇرتى» دېگەن ئىسىمنى بەرگەن. «تۈركىستان» نىڭ غەرب تەرىپىنى 1865-يىلىدىن تارتىپ چاررۇسىيە، شەرق تەرىپىنى 1876-يىلى مانجۇ-خىتايلار بېسىلىۋالغان.
د ئۇ ق سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بەزى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاشتىن ئىبارەت مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيىسىگە بولغان قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.