ياپونىيەدە 10-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 8:00 دىن 10:00 غا قەدەر، ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى ۋە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقات ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەتقىقات ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكتە، توكيودىكى گېنزا رايونىدىكى مەركىزى يىغىن زالىدا ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى» ھەققىدىكى يىغىندا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى، دوكتور تۇرمۇھەممەت ئەپەندى دوكلات بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنى مۇستەملىكە قىلىپ باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ بىپايان زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بۇرمىلاپ يېزىپ چىققان ياسالما ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆز پۇقرالىرىغا ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىغا كەڭ تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن، تارىخ ساھەسىدە قازانغان زور تەتقىقات نەتىجىسى سۈپىتىدە، چەتئەللەرگىمۇ تارقىتىپ، چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى توغرا چۈشىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى چەتئەللىك ئۇيغۇر تارىخىنى ئۈگەنگۈچىلەردە ۋە تەتقىق قىلغۇچىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلماقتا.
ياپونىيەدە بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىر قەدەر ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، رەسمىي نەشردىن چىققان خېلى كۆپ كىتابلاردا ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي تارىخى خىتاينىڭ ياسالما ئۇيغۇر تارىخىغا ئاساسلانغان ھالدا بۇرمىلانغان. بۇنداق ئەھۋال ياپونىيەدە ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللايدىغان، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەشكىلات ۋە شەخىسلەرگىمۇ بەزى چۈشەنمەسلىكلەرنى كەلتۈرمەكتە. بۇ قېتىمقى لېسكىيە مۇشۇنداق بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، خىتايلار ئۇيغۇر ئىلىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى قىلىۋېلىش ئۈچۈن، بۇ زېمىنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى 840-يىلىدىن كېيىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن مىللەت، بۇرۇن ئۇيغۇر ئىلىدە ئۇيغۇرلار يوق ئىدى دەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىغىلا باغلاپ، تارىختىكى «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمنى يوقىتىپ، ساختا ئۇيغۇر تارىخىنى بەرپا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن تارىخىي پاكىتلار شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ئاساسەن ئىككى چوڭ گۇرۇپپىىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرى، قەدىمدىن تارتىپ تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقتا ياشاپ كېلىۋاتقان تارىم ئۇيغۇرلىرى، يەنە بىرى بولسا، قەدىمدىن تارتىپ تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئەتراپىدىن موڭغۇلىيە يايلاقلىرىغىچە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن يايلاق ئۇيغۇرلىرىدۇر. دوكلاتتا، مانا مۇشۇنداق تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسەن، دەلىل-ئىسپاتلىق، تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە تارىخىي ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىننىڭ پۈتۈن ھوقۇقلۇق ئىگىلىرى ئىكەنلىكى تولۇق تونۇشتۇرۇلغان.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.